باياناتلار

سوما كېنىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئائىلىرىگە سەبىر تىلەيمىز

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ سوما كۆمۈر كېنى پاجىئەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ، شېھىت بولغان 283 تىن ئارتۇق ئىشچىلارغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ۋە ئائىلىلىرىگە سەبىر تىلەش بىلەن، بۇ مۇسىبەتكە قارىتا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭمۇ قاتتىق قايغۇرغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. 

soma-maden-faciasi-bakan-yildiz-dan-son-6026496_1011_o

”ھەر ۋاقىت بىزگە قۇچاق ئاچقان، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنى يالغۇز قويمىغان، بىزگە ئىگە چىققان تۈركىيە خەلقىنىڭ چوڭ بىر مۇسىبەت ئىچىدە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپتىمىز، بىزمۇ ئۇلارنىڭ مۇسىبىتىگە يۈرىكىمىزدە ئورتاق بولغانلىقىمىزنى ۋە بۇ مۇسىبەتتىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىمىزنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە ئىزھار قىلىشنى خالايمىز.

پاك-پاكىزە ۋە ھالالدىن رىزقىنى تېپىش ئۈچۈن يەر ئاستىغا كىرگەن ۋە ئۇ يەردە قاپ-قارا ئىسلاردا ئىسلانغان مىھنەتكەش ئىشچى قېرىنداشلىرىمىز ! سىلەر ئىنسانلارغا سۇغۇق ھاۋادا ئىسسىقلىق بىرىدىغان ئۇ كۆمۈرنىڭ ئىسلىرى ئارىسىدا ئەمگەك قىلىۋاتقان ۋاقتىڭلاردا، بىز ئىسسىق ئۆيلىرىمىزدە سىلەر قېزىپ چىققان كۆمۈرلەر ئارقىلىق ئىسسىق ئولتۇرۇپ قوپىمىز ۋە ئۇخلايمىز. سىلەر بىز ئىنسانلارغا قىش پەسلىدىكى سۇغۇق ھاۋادا ئىسسىقلىق تەمىن قىلغان قۇياشقا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا مۇسىبەت كىلىشنى ھېچكىم خالىمايدۇ، لېكىن جانابى ئاللاھنىڭ تەقدىر ھىكمىتىگە رازى بولۇشتىن باشقا چارە يوقتۇر. بۇ بىر تەقدىردۇر، ئىسلامى ئېتىقات مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا ئىنسانلارنى سۈكۈت قىلىشقا، جانابى ئاللاھ مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا سەبىر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئۆلۈم ئازابىنى بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ناھايىتى ياخشى چۈشۈنىمىز، چۈنكى 65 يىلدىن بۇيان ھەر ئۆتكەن كۈن شەرقى تۈركىستاندا مىڭلارچە بىگۇناھ ئىنسانلار سەۋەپسىز ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى قان تۆكۈلىۋاتىدۇ، جېنىمىز ئازاپلىنىۋاتىدۇ، يۈرەكلەر ئاغرىۋاتىدۇ، تارام-تارام ياشلار تۆكۈلۇپ، كۆزلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى. كۆزلىرىمىزدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتىدۇ.

سوما كۆمۈر كېنىدا شېھىت بولغانلارغا جانابى ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز. 283 تىن ئارتۇق شېھىتنىڭ ماكانى جەننەت بولغاي ! روھلىرى شات بولغاي! ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، بالا-ۋاقىلىرى، يۈرەكلىرى پارە بولغان ئاياللىرى ۋە ئانىلىرى، ئاچا- سىڭىللىرى، دادىلىرى، ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلىرى ۋە بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ سەبىر قىلىشىنى تىلەيمىز!

پۈتۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارى ھەيئىتى“ .

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close