خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدىكى بومبا پارتىلاش ھۇجۇمىدا 31 خىتاي ئۆلدى 90 يارىلاندى

10352603_1424818281116351_675720422435498759_n

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە بومبا پارتىلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ پارتىلاشتا 31 كىشى ئۆلگەن 90 كىشى يارىلانغان.

خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ بۇ توغرىدا بەرگەن خەۋىرىدە ۋەقەنى كۆزى بىلەن كۆرگۈچى شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ماشىنادا بىر توپ ئادەم كېلىپ كىشىلەر ئۈستىگە بومبا ئاتقان، 10-12 بومبا ئاۋازى ئاڭلانغان.

شىنخۇا ئاخباراتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ھۇجۇمچىلار چىقىپ كەلگەن ئىككى ماشىنىنىڭ بىرسى پارتىلغان. كۈزەتكۈچىلەر ، ھۇجۇمچىلارنىڭ  ماشىنا بىلەن  ئۆزىنى قوشۇپ بىللە پارتىلاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ تەخمىن قىلماقتا.

خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، بۇ ۋەقەنى تېرورلۇق ۋەقە دەپ خەۋەر قىلغان ۋە خىتاي دائىرلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەر زاماندىكىگە ئوخشاش خىتاي دائىرلىرى ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى، كىملەر تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھەر زامان شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ۋە بېسىمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە.

ۋەقەدىن كۆرۈنۈشلەر

1522193_632599926825677_166958048892364593_n 1607029_1424818317783014_8679244052275174969_n 1901142_1424818237783022_4708935762502042623_n 10261997_1424818257783020_4732846091051705507_n 10269376_705018262889821_5621603758522376731_n 10300160_705018269556487_525454020486513860_n 10300976_10203825791234932_13952531959153390_n 10303441_10203825788314859_7468278888123706953_n 10336849_1424818221116357_2517819284676976559_n 10350334_1424818331116346_2834121394638592055_n 10352563_10203825789394886_2831333320670573506_n 10352603_1424818281116351_675720422435498759_n 10356367_10203825788834872_5382166622658818573_n 10372112_705018266223154_7288893277641298449_n 10401931_705018272889820_808348574340509467_n 220520140827484630002_2 urumci002 urumci003 uygur uygur_bolgesinde_patlama_31_olu_h14880 uygur-valisi-bekri-terorun-dini-ve-milliyeti-yok-CHA-1373743-1-t

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close