كىتاپلار

تۈركىستان كېچىلىرى دېگەن تارىخي رومان ھەققىدە

تۈركىستان كېچىلىرى ناملىق كىتاب بىر رومان بولسىمۇ ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب – ئوقۇبەت ۋە كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىدۇ. بۇ كىتابتا 1931 – يىلىدىن 1951- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا باشلىنىپ توختىماي داۋام قىلغان ئازادلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان ھەقىقىي ۋەقەلىكتۇر.

تۈركىستان كېچىلىرى ناملىق كىتابنىڭ يېزىلىشى، بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى نەجىپ كىيلانىنىڭ مەككىدە شەرقىي تۈركسىتانلىق مۇستاپا مۇرات ھەزرەتلىرى ئىسىملىك كىشى بىلەن ئۇچرۇشۇش بىلەن باشلانغان. ھەزرىتى مۇستافا مۇراد شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخلىرىغا شاھىد بولغان ياشانغان بىر كىشى بولۇپ ئاپتور بۇ كىتابنى يېزىشتا مەزكۈر شەخستىن كۆپ مەلۇماتلارنى ئالغان.  بۇ كىتابنى ئەرەب يازغۇچى نەجىپ كىيلانى ئەرەب تىلىدا يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا خوجا نىياز ھاجى ۋە ئوسمان باتۇر قاتارلىق قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئۇرۇشلارغا خالىسانە  قاتناشقان مۇجاھىدلارغا قوماندانلىق قىلغان قەھرىمانلارنىڭ ھايات – ئىش ئىزلىرى تەپسىلى ۋە تەسىرلىك يېزىلغان.

بۇ رومان ھەقىقەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈزىگە سوغۇق سۇ چاچقاندەك تۇيغۇ بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ روھىنى تىتىرىتىدۇ، بۇ روماننى ئوقۇش ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم، چۈنكى بۇ رومان تارىختا شانلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان ئەمما ھازىر زۇلۇم ئاستىدا قالغان مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېچىنىشىلىق ئەھۋالىنى ئەينەن ئاڭلىتىدۇ. بۇ كىتاب زۇلۇمغا باش ئېگىشنى بىلمىگەن مۇسۇلمان بىر خەلقنىڭ، ھەقسىزلىققا قارشى ئىسيان قىلىشتىن زىرىكمىگەن، ھېچ قانداق دۆلەت ياكى كۈچنىڭ كارى بولماي يالغۇز تاشلىۋىتىلگەن ئەمما پەخىرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ھىكايىسىنى ئاڭلىتىدۇ.

بۇ كىتاب تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

جاۋاب يېزىش

Back to top button