خەۋەرلەر

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن خانئېرىق بالىماس ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ۋەقەنىڭ ھەقىقىتى بورمىلانغان

6193

خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ دۇنيا جامائەت ئاممىسىغا ئاشكارىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەت قىلىۋالغىنىغا ئوخشاش ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قاتتىق قامال قىلغان ۋە ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى پۈتۈنلەي بورمىلاپ، تۈۋەندىكى يازما رەسىمدىكى ئۇمۇمىي بايانات ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركستان خەلقىنىڭ دىنى – ئىتىقادى ۋە مىللى ئەنئەنىسىگە قارشى يولسۇزلۇق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

 شەرقى تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ، خىتاي ئىشغالىغا دۇچار بولغاندىن بىرى دىنى – ئېتىقادى ۋە ئۆزىگە خاس مىللى ئالاھىدىلىكى بويىچە ياشىشى توسالغۇغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

 ئۇيغۇرلارنى دىنى- ئېتىقادى ۋە مىللى- ئەنئەنىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرماي تۇرۇپ، ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرىلىرى، گەرچە ھەر مىللەتنىڭ ئۆزى خالىغان دىنىغا ئېتىقات قىلىش ھەققى بار دەپ قانۇنىدا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى- ئېتىقادى ، مىللى – ئەنئەنىسى ۋە ئانا-تىل مائارىپىغا ھەرخىل چەكلىمىلەر بىلەن توسالغۇلۇق قىلىپ كەلمەكتە.

 خىتاي دائىرىلرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسچىت – خانىقالاردا تەبلىغ قىلىشى ۋە يىغىلىپ ئەمەل- ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللى ئۆرپ- ئادىتىگە قارشى ھەر خىل ئۇقتۇرۇش ۋە تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

 شۇ قاتاردا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا بېرىپ ناماز ئوقۇشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشى، ئوقۇغۇچى ۋە كادىر – خىزمەتچىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشى، ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنى تۈسى ئالغان قىياپەتلەرنىڭ كىيىنىشى…. قاتارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنى ۋە مىللى خاسلىقى قاتتىق چەكلەنمەكتە ۋە مەخسۇس ماشىنا ۋە ئادەم ئاجىرىتىلىپ ئۆيمۇ – ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق خىلاپلىق قىلغانلار تۇتقۇن قىلىنماقتا.

 

2013- يىلى 28- ئىيۇن كۈنى خوتەن خانئېرىق بازار بالىماس كەنتى قۇمبۇيى مەسچىتىدە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا كەلگەن جامائەت ئاممىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ساقچىلىرى تەرىپدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

 

جۈمە نامىزىغا كەلگەن مۇسۇلمان ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدا ھەر جۈمە كۈنى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ يىغىلىشى بىلەن جۈمە نامىزى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئالدىن پىلانلانغان بويىچە ئالاقىدار ساقچىلار ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ تارقىلىپ كىتىشىنى بۇيرىغان.

 

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ “ ھەر مىللەتنىڭ خالىغان دىنىغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بار“ دېگەن قانۇنىغا ئاساسەن مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇپ يۈرگەن مۇسۇلمان ئاممىسى، تۇيۇقسىزلا ساقچى ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغان. شۇ ۋاقىتتىكى ۋەقە شاھىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دەسلەپكى ئوققا تۇتۇشتا 300 دىن ئارتۇق ئادەم شۇ يەردىلا يىقىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ دۇنيا جامائەت ئاممىسىغا ئاشكارىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەت قىلىۋالغىنىغا ئوخشاش ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قاتتىق قامال قىلغان ۋە ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى پۈتۈنلەي بورمىلاپ، تۈۋەندىكى يازما رەسىمدىكى تەھدىتلىك ئۇمۇمىي بايانات ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

 مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close