خەۋەرلەر

ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قاتتىق نالە قىلماقتا

6201

25- ۋە 26 مارت كۈنلىرى ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فېيسبۇكتا، خوتەن تەۋەسىدىكى ھىجابلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر تارقالدى

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25- مارت سەيشەنبە كۈنى خوتەننىڭ باچى بازىرىدا ھىجابلانغان قىز- ئاياللارنى تۇتۇش پاجىئەسى باشلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى –ئېتىقادى ۋە مىللى – قىياپىتىنى ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن چەتكە قېقىپ كەلگەن ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرى، خوتەندىكى مەزكۇر بازاردا مەخسۇس ئادەم ۋە ماشىنا ئاجرىتىپ، ھىجابلانغان قىز – ئاياللارنى كۆرگەن يەردىلا تۇتقۇن قىلماقتا ئىكەن.

يەنە بىر غەيرى رەسمى ئۇچۇردا، ھىجابلانغان ئانا- قىزنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ناھايتى تەستە قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھىجابلانغاندىن باشقا ھېچ گۇناھى يوقلىقى، تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقىتتا نىمىشقا ھىجابلاندىڭ، ئەمدى ھىجابلانمايسەن دەپ ھۇشىدىن كەتكۈچە ئۇرۇلغانلىقى، تاياق زەربسىدىن ئانىنىڭ قۇۋۇرغىسىنىڭ، قىزىنىڭ بىر پۈتى بىلەن بىر قولىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكى ۋە بەدەن گۆشلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرسىنىڭ دىيىشىچە، ھازىر خوتەن تەۋەسىدە ھىجابلانغان قىز – ئاياللارغا قارشى ناھايىتى قاتتىق سىياسەت قوللىنىلماقتا ئىكەن.

بۇ قېتىمقى بېيجىڭدا ئېچلىغان ئاتالمىش ھەر مىللەت ۋەكىللەر يىغىنىدا خوتەندىكى سىياسى كېڭەش ئەزاسى ئابلىمىت داموللام ۋە تۇڭگان دىنى ئىشلىرى مەسئۇلى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت ۋە مىللى- قىياپەتلىرىگە قارىتا يولسۇزلۇق قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، خوتەندىكى ھىجابلانغانلارغا قارشى زوراۋانلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتمەكتە.

خوتەنگە يېڭى كەلگەن خىتاي باشلىقنىڭ خوتەنگە كىلىپلا ئۆزىنى ئەرەب دۆلەتلىرىگە كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلغانلىقى، ئىككى يىل ئىچىدە خوتەن شەھىرىنى دىنى تۈستىن تامامەن پاكىزلاپ بولىمەن دەپ تەھدىت سالغانلىقى مەلۇم.

نۆۋەتتە، تۇتقۇن قىلىنغان ھىجابلىق قىز- ئاياللار چارىسىز ھالدا ئۆزلىرىگە سۇنۇلغان بۇ نىجىسلارنىڭ قارا قولىدىن قوتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاغا ئىلتىجا قىلىپ، “ ئې ئاللاھ ، بىزنى بۇ زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن، بىزگە بىزنى قوغدايدىغان ۋە بىزگە ئىگە بولالايدىغانلارنى ئەۋەتكىن، ھىجرەت باھانىسى بىلەن بىزنى ئىشغالچى كاپىرلارنىڭ زۇلۇمىغا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىۋاتقانلارغا ساغلام ئاڭ – ئىدراك ئاتا قىلغىن، بىزگە ئۆزەڭ ياردەم قىلغىن “ دەپ نالە قىلماقتا ئىكەن.

 

مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close