خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى سۈرىيە ئۈچۈن كەرمەسكە قاتناشتى

6182
22- ۋە 23- مارت كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ سۇلتان رايۇنىدا سۈرىيەلىك مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان كەرمەس (خەيرىلىك سېتىش) پائالئىيىتىگە قاتناشتى.

 22- ۋە 23- مارت كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ ئەيۇپ سۇلتان رايۇنىدا سۈرىيەلىك مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان كەرمەس (خەيرىلىك سېتىش) پائالئىيىتىگە قاتناشتى.

 مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى سۈرىيەدە بولۇۋاتقان ئىنسانلىق تىراگىدىيەسىنىڭ قۇربانلىرىنى ھېچبىر ۋاقىت  ئۇنۇتمىدى. ھەر ۋاقىت سۈرىيەدىكى مەزلۇملارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىھتىياج ئىگىلىرىگە قارىتا ياردەم قولىنى سۇنۇپ سۇنۇپ كەلمەكتە.

 بۇ قېتىملىق كەرمەس  پائالىيىتىنى ئىستانبۇلدا سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن  ئېچىلغان مەكتەپلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىنى ئۇنۇتۇپ قالماي، ياردەم خىزمىتىدە بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللىرىنى بۇ خەيرلىك سېتىش پائالىيىتىگىمۇ قاتنشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشقان ئاياللار بۆلۈمى جىددى ئورۇنلاشتۇرۇرش ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىستانلىق ئاياللار تېزدىن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ئۈچۈن نەچچە ئون خىل تۈركىستان تاماقلىرىنى ئېتىپ كەرمەس ئورنىغا يوللاپ بەردى.

 كەرمەس ئورنى ئەيۇپتىكى جافەر پاشا مەدرىسىسىنىڭ باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كەرمەسكە كەلگەن بارلىق زىيارەتچىلەر شەرقىي تۈركىستان  تاماقلىرىنى قىزغىن سېتىۋېلىش بىلەن بىللە ، بۇ يەردە تاماق سېتىۋاتقان تۈركىستانلىق قىز – ئاياللارغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەزلۇملار ئۈچۈن قىلغان بۇ سەپەرۋەرلىكىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ھەتتا بەزى زىيارەتچىلەر: سىلەر ئۆزەڭلار مەزلۇم تۇرۇپ، مەزلۇملار ئۈچۈن قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئاللاھ سىلەرنىڭ بېشىڭلاردىكى زۇلۇمنى ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە  كۆتۈرۋەتكەي، دېگەندەك نۇرغۇن خەيرىلىك دۇئا ۋە  تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

 مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close