خەۋەرلەر

پاكىستاندا ئۇيغۇر ھاجىملارنىڭ ئۇزۇن يىل خىزمىتىنى قىلغان پىشقەدەم ئەلىخان ھاجىم ۋاپات بولدى

6229
شەرقى تۈركىستاندىن پاكىستانغا ھىجرەت قىلغان ۋە پاكىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە كەڭ تونۇلغان ۋەتەنپەرۋەر دىنى زات ئەلىخان ھاجىم، تۈنۈگۈن 1- ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى پاكىستان راۋالپىندىدىكى ھولى فامىلى دۇختۇرخانىسىدا 66 يېشىدا ۋاپات بولدى.

 پاكىستان، ھەجگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇر ھاجىلىرىنىڭ چۈشۈپ ئوتىدىغان ۋاقىتلىق ئۆتىڭى بولۇپ، پايتەخت ئىسلام ئابادقا يېقىن يەردىكى راۋالپىندى دېگەن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى رابات (ۋەقپىخانا) بار.

  مەرھۇم ئەلىخان ھاجىم ئاكا پاكىستان راۋالپىندىدىكى قەشقەر راباتنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىل خىزمىتىنى قىلغان ۋە پاكىستانغا چىققان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ قولىدىن كىلىشىچە ياردەم قىلغان سالىھ بىر كىشى ئىدى.

 مەرھۇمنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ سەبىر قىلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، جانابى ئاللاھتىن مەرھۇمغا رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمىز، جانابى ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي !

 مۇسلىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close