خەۋەرلەر

مەكىتتە ئىككى نەپەر خىتاي پاھىشە پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن

 مەكىت شەھىرىدە نۇرمەمەت ياسىن ئىسىملىك بىر ئەزىمەت ئىككى نەپەر پاھىشە خىتاينى پاھىشخانىسىدا پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 4- ئاپرېل كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى مەكىتنىڭ ناھىيە بازىرىدىكى بىر پاھىشخانىدا يۈز بەگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەدىن كىيىن شۇ ناھىيىدىكى 8 پاھىشخانىنىڭ ھەممىسى تاقالغان. لېكىن ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇلغان ۋە ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىسپاتلانمىغان 8 كىشى 20 ئايدىن بىرى ھۆكۈمسىز قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

 مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا مۇخپىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرمەمەت ياسىن 25 ياشلاردا بولۇپ ئۆزى قاسساپ ، دادىسى ئاشپەز ئىكەن، ئۇ شۇ كۈنى دادىسى، ئاپىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن يولدا كىتىۋاتسا ، يولدىكى پاھىشخانىدىن بىر تەتەي چىقىپ، ئۇنىڭ دادىسىنى “ كەل، كەل “ دەپ چاقىرغان.  قاتتىق ئىزا تارتقان نۇرمەمەت ئاتا- ئانىسىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ دوستلىرىغا ”بۇ خەقتە شەرمى- ھايا دېگەن نىمە بولمىسا، كوچىدا ئاتا – ئانا، سىڭىللىرىمىز بىلەن بىللە تېخى ماڭالمىساق، ھۆكۈمەتكە دېسەك گېپىمىزنى تېخى ئاڭلىمىسا، بىر – ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ قالغىنىغا ئىبرەت بەرمىسەك بولمىدى“ دېگەن ۋە شۇ كۈنى كەچتە پاھىشىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشىگە يەنە بىر تەتەي چىقىپ ”كەل، كەل“ دەپ چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن نۇرمەمەت مانا كەلدىم دەپ پاھىشىخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇنىڭغا پىچاق تىققان، ئۇ يىقىلغاندىن كېيىن، ئالدىغا كەلگەن يەنە بىرسىگە پىچاق تىققان، ئالدىنقىسى نەق مەيداندا، كېيىنكىسى دوختۇرخانىغا ئەكىتىلىۋاتقاندا ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئەتراپتىكى 7 – 8 قاۋاقخانىنىڭ ھەممىسى تاقىۋېتىلگەن.

 مەكىت ناھىيىسىدىكى نۇرمەمەت قاسساپنىڭ ئىككى خىتاي پاھىشىنى پىچاق تېقىپ ئۆلتۈرگەنلىكىدىن كىيىن، ئۇنىڭغا چېتىشلىق دەپ تۇتۇلغان 7 كىشىنىڭ 20 ئايدىن بىرى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ئىلگرى سۈرۈلگەن خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر رايونىدا چەكلىمىسىز كېڭىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قىمارخانا ۋە پاھىشەخانىلىرى رايوننىڭ مىللىي ئەخلاق ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە بەزى جايلاردا قانلىق ۋەقەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

 مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close