خەۋەرلەر

ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىگە يەنە بەش يىللىق جازا ئۇزارتىلدى

6251

ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىگە يەنە بەش يىللىق جازا ئۇزارتىلدى

 پېشقەدەم دىنىي زات ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلى 1990- يىلى 01- نويابىردىن ھازىرغا قەدەر كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتماقتا، كېرەم قارىمغا تۇنجى قېتىملىق سوتتا 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى. كېرەم قارىمنىڭ 12 يىللىق تۈرمە ھاياتى ئاخىرلىشىدىغان كۈنلەردە خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچبىر سەۋەبسىز يېپىق سوت ئېچىپ كېرەم قارىمغا يەنە 4 يىل جازا بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 16 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن كېرەم قارىمنىڭ جازا مۇددىتى توشىدىغان دەقىقىلەردە، ئۇنىڭ جازاسىنى يەنە 3 يىل ئۇزارتىۋەتكەن ئىدى. ئاخىرقى قېتىملىق ئۇزارتىشتا 4 يىل ئۇزارتىش بىلەن كېرەم قارىم جەمئىي 23 يىللىق ھاياتىنى قاراڭغۇ تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. شۇنداق قىلىپ ھەر قېتىم جازا مۇددىتىنى ئۇزارتقاندا، تۈرمە گۇندىپايلىرى بىلەن ئۇرۇشتى، ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، تۈرمىدىكى ياتاقداشلىرى بىلەن چىقىشمايدۇ دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ جازا مۇددىتى ئۇزارتىلىپ قويۇپ بېرىلمىدى. شۇنداق قىلىپ ھەر قېتىم جازا مۇددىتىنى ئۇزارتقان ۋاقتىدا سەۋەبسىز باھانىلەرنى كۆرسىتىپ 3 يىلدىن ئۇزارتىپ مانا ھازىر 23 يىلدىن بېرى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسىدە گۇناھسىز يېتىۋاتىدۇ. كېرەم قارىمنىڭ 23 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى بۇ ئاخىرلاشتۇرۇپ زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىسى بىلەن خوشلىشىدىغان كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ جازاسىنى يەنە 5 يىل ئۇزارتىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

تۈنۈگۈنكى ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ تۈرمىدىكى جازا مۇددىتىنىڭ توشۇپ قۇيۇپ بېرىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، كېرەم قارىمغا يەنە 5 يىللىق تۈرمە جازاسى بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كېرەم قارىمغا ھەر قېتىم جازا مۇددىتىنى ئۇزارتقان ۋاقىتتا ئاچقان سوتنىڭ ھېچبىر جىنايەتسىز، تۇتامسىز بىر باھانىلەر بىلەن جازاسىنى كۆپەيتىپ كەلگەن، بۇ قېتىمقى ئۇزارتىش جازاسىمۇ نېمە سەۋەبتىن، نېمە ئۈچۈن ئۇزارتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى 2014- يىلى ئاپرىل ئېيىنى ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئېيى قىلىپ بېكىتكەن ۋە تەشكىلاتنىڭ رەسمىي توربېتىدە ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئابدۇلكېرىم ئابدۇۋېلىنى تۈرمىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش سەھىپىسى ئاچقان ئىدى.

 تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ كېرەم قارىمغا ئاۋاز بېرىڭ.

 http://www.amnesty.se/engagera-dig/agera/manadens-aktion/

  تەييارلىغۇچى: پىداكار «شىۋېتسىيە»

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close