خەۋەرلەر

ياشلار مەسىلىلىرىگە ئىجتىمائى تەشكىلات تەدبىرلىرىمىز دېگەن تېمىدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

10154956_665021860232408_2447779514431914783_n
يىغىندا نۆۋەتتە تۈركىيە ياشلىرى دۈچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائى, ئەخلاقى جەھەتتىكى ئەۋج ئېلىۋاتقان ناچار ئىللەتلەر ۋە بۇ ئىللەتلەردىن ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش چارە تەدبىرلىرى توغرىسىدا بەس مۇنازرە ئۆتكۇزۇلدى, ياشلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە مۇھىم پىكىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياشلار مەسىلىلىرىمىزگە ئىجتىمائى تەشكىلات تەدبىرلىرىمىز دېگەن تېمىدا كېڭەش يىغىنى ئۆتكزۈلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ١٠٠ دىن ئارتۇق تەشكىلات قاتناشتى. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جە مئىيىتىنىڭ رەئىسى ھدايەت ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا نۆۋەتتە تۈركىيە ياشلىرى دۈچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائى, ئەخلاقى جەھەتتىكى ئەۋج ئېلىۋاتقان ناچار ئىللەتلەر ۋە بۇ ئىللەتلەردىن ياشلارنى قۇتۇلدۇرۇش چارە تەدبىرلىرى توغرىسىدا بەس مۇنازرە ئۆتكۇزۇلدى, ياشلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدە مۇھىم پىكىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا تۈركىيە سابىق مىنىستىرى ئىسمائىل قەھرىمان; ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى نەجمى سادىقئوغلى قاتارلىق مۇھىم رەھبەرلەر ياشلارنى دىنى مىللىي مەدەنىيەت ھېس تۇيغۇ بىلەن يېتىشتۇرۇش ۋە ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.

مۇساجان

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close