جەمئىيىتىمىز تارمىقىدىكى ئانا تىل يەسلى پەرزەنتلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان 70 تىن ئارتۇق ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇس مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرىلىشىشى ۋە يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

2014  -يىلى 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاق دېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 

مۇراسىمغا، زەيتىنبۇرنۇ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گۆنۈلخانىم، شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلىخان تۇران، شەرقىي تۈركسىتان مېھرى – شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى يۈسۈپ – يۈسۈپئوغلى، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى تولۇق قاتناشتى. 

 پروگراممىغا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىم يەسلىدىكى پەرزەنتلەردىن ئەزىز ۋە خەدىجەنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلقادىر ئابدۇغاپپار ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. 

ئابدۇلقادىر ئەپەندى سۆزىدە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن – بىر يولىنىڭ پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى دىنىي ئېتىقاد بىلەن يېتىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى تارمىقىدىكى ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىنى يەنى گۈل – چىچەك پەرزەنتلىرىمىزنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ھەر قانداق ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدۇ ۋە شۇ مەقسەتتە كېچە – كۈندۈز باش قاتۇرۇپ تەربىيىلەشكە تىرىشىدۇ، جۈملىدىن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلى، قانۇن – پرىنسىپىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەتلىرى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى بىلەن يېتىشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ بىردىن – بىر يولى ئانا تىلىنى ئۆگىتىش، دىنىي ئېتىقادى بىلەن يېتىلدۈرۈش. پەرزەنتلىرىنىڭ چەتئەل تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئالدى بىلەن ئانا تىلىنى تولۇق ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت ۋە دىنىي ئېتىقادىنى مۇكەممەل ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم.»

ئابدۇلقادىر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىنسان يېتىشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ خىزمەت – پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جەمئىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن پەرزەنتلىمىزنى يېتىشتۇرۇشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ھەمشەھەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەدەب – ئەخلاق، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە ياراملىق قىلىپ يېتىشتۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى شۆبىسىدە ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كەرىم كۇرسى ئېچىپ ئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ كەلمەكتە.» 

ئابدۇلقادىر ئەپەندى سۆزىدە يەنە، زەيتىنبۇرندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلىدە 2008 – يىلىدىن بۇيان 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئوقۇپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ يەسلىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىشىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە 4 – 6 ياش ئوتتۇرىسدىكى پەرزەنتلەردىن 500 دىن ئارتۇق قىز، ئوغۇل ئۆسمۈرلەرنى يېشتۇرۇپ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يولغا سالدى. بۇ ئانا تىل يەسلىدە تەربىيە ئالغان پەرزەنتلىرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ دەرسلەردە ئالدىنقى قاتارىدا يېتىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى پروگراممىسىدا قىز، ئوغۇل بولۇپ 70 ئوقۇغۇچى تەلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىمىز، پەرزەنتلەرنى يەسلىدە ئوقۇتۇشقا ھەمكارلىشىش ئانا – ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، پەرزەنتلەر ھەم ئائىلە ئىچىدە، ھەم يەسلىدە تەربىيىلەنسە كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ يەسلىدە ئوقۇشىغا ئەھمىيەت بېرىىشىنى، بۇ يەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر شارائىتتا داۋام قىلىشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى، ئاكتىپ ھەمكارلىشىشىنى، سەمىمىيىلىك بىلەن تەلەپ قىلىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنى قوللىغان بارلىق ئاتا – ئانىلارغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.»

مۇراسىمدا شەھىدە ئىسىملىك قىز ئانا تىلىم دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. بىر گۇرۇپپا قىز ئۆسمۈرلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈلگىلەر دېگەن تېمىدا ئىتوت ئورۇنلىدى. يەنە بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈرلەر، ئانام بەردى بەش موچەن دېگەن شېئىرنى، بىر گۇرۇپپا قىز ئوسمۈرلەر ئۇيغۇر پەرزەنتى دېگەنگە ئوخشاش شېئىرلارنى تەقدىم قىلدى. 6 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ساما ئۇسۇلى ئويناپ مۇراسىمنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى ۋە كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 

ئانا تىل يەسلىنىڭ ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل، شېئىر، ئىتوت، ناخشا – ئۇسۇل ۋە ساما ئۇسۇلى قاتارلىق 16 تۈرلۈك نومۇر كۆرسەتتى.

مۇراسىمدا يەنە ئانا تىل يەسلىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. 

مۇراسىم ئاخىرىدا بۇ مەۋسۇمدا ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇغان يەسلى بالىلىرىدىن ئوغۇل – قىز بولۇپ 32 بالىغا مېدال ۋە ماددى بويۇم ھەدىيە قىلىندى. ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرۈپ گۈل – چېچەك تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا يەسلىدىكى پۈتۈن ئۆسمۈرلەرگە ئويۇنچۇق ھەدىيە تارقىتىلدى.

ئاخىرىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنىي ئالىم ئىبراھىم قارىم سۆزگە چىقىپ، بۇ مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ تەقدىم قىلغان پائالىيەتلىرىدىن، شېئىر ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇغان بالىلاردىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بۇ يەسلىنى ئاچقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە ۋە يەسلىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتتى. 

بۇ ھەقتىكى پروگراممىنىڭ سىنئالغۇسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىڭ 1 – بۆلۈم

2 – بۆلۈم

3 – بۆلۈم

Exit mobile version