خەۋەرلەر
ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ۋە مۇسۇلمان ياشلار تېمىسىدا يېغىن ئۆتكۈزۈلدى

2014 – يىلى 1- ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيە ئىستانبۇلدا 9- نۆۋەتلىك خەلقارا مۇسۇلمان ياشلار مەدىنىيەت ھەمكارلىقى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى خەلقارا ياشلار مۇنبىرى يېغىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ۋە مۇسۇلمان ياشلار دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئىسلام دۇنياسى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل – چارىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.