خەۋەرلەر

تۈرك ئاخباراتچى: ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يوق

تۈرك ئاخباراتچى: ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يوق  

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىپ ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە چەتئەللىك ئاخباراتچىلار بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلدى ۋە رەددىيە قايتۇرۇپ ماقالىلەر يازدى.

2012-يىلى 11‏- ئاينىڭ 3-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئاخباراتى» ناملىق تۈركچە تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان «قىزىل خىتاي زۇلۇمى شەرقىي تۈركىستاننى رەھىمسىزلەرچە ئېزىۋاتىدۇ» دېگەن ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق بىر ئاۋاز چىقىرىشى شەرت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلغان تۆھمەتلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇشى خىتاي ئۈچۈن ھېچقاچان تەھدىت ئەمەس، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تەخمىنەن 60 يىلدىن بۇيان ھەر خىل بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كىرىپ تاقابىل تۇردى، ئەمما ھېچقاچان زوراۋانلىق ھەرىكەت قىلمىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تېررور دېگەن ئاتالغۇنى ئوخشاش ئوقۇمغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

بۇ ھەقتە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەسمىي تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتايغا رەددىيە قايتۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2006-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان رەسىمى قانۇنلۇق بىر تەشكىلات بولۇپ، تەشكىلات قانۇن دائىرىسى ئىچىدە مائارىپ، تەلىم-تەربىيە ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بىلىملىك ۋە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھېچقاچان خىتايلار داۋا قىلغاندەك تېررورلۇق تەشكىلات ئەمەس ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتايلار داۋا قىلغاندەك باشقا دۆلەتلەردە ئۇرۇش قىلمىدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت ياكى خەلقنى دۈشمەن دەپ قارىمايدۇ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋېلىپ ئۇيغۇر خەلقىگە سىياسىي بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاينى ئۆزلىرىنىڭ ئەبەدىيلىك دۈشمىنى دەپ قارايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمىگۈچە خىتاينى قانۇنلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ پەقەت ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى دۇنياغا تېررورچى كۆرسىتىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ئويدۇرۇپ چىققان تەتۈر تەشۋىقات ۋە يالغان سەپسەتىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا قانۇنلۇق ۋە ھەقلىق شەكىلدە كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەرنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن قارىلاۋاتىدۇ، خىتاي ئۆزى شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

تۈرك ئاخباراتچى مەلتەم خانىم ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى چەكلەنگەن، بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى چەتئەللەرگە ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، ئۇچۇر-ئالاقىلىش ۋاسىتىلىرى پۈتۈنلەي خىتاي رېجىمىنىڭ نازارەت ئاستىدا بولغان، ئاساسىي يوق تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان، ئۆزلىرىنى، ئائىلىسىنى، دوست-بۇرادەرلىرىنى قوغداشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ھەربىي مەشىق قىلىپ سۈرىيىگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى داۋا قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

بىز مەلتەم ئارىكان خانىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

مەلتەم خانىم، «خىتاي كوممۇنىست ئاخباراتلىرى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سۈرىيىگە بېرىپ مۇخالىپلار بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ۋە بەزى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى سۈرىيىگە ئەۋەتىشكە ۋاسىتە بولۇۋاتقانلىقىنى داۋا قىلىپ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا سىز قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە، خىتاي بۇنىڭدىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
‏- ئەمەلىي چىقىش نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ توغرا ئەمەس، بۇ ھەم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ شۇنداقلا ھازىرقى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلار بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆز ۋەتىنىدە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىمكانى بەرمەيۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ مەزلۇم ۋە بىچارە ئىنسانلارنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشى ئىمكانسىز. خىتاينىڭ تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نامىنى بۇ تۆھمەتلەرنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىشى شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى دۇنيادا يالغۇز قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى دۇنيادا يالغۇز تاشلاپ قويمايدىغانلىقى ھەممىگە ئاياندۇر. خىتاي بىلەن سۈرىيە ئىدېئولوگىيە جەھەتتە ئوخشاش دۆلەتلەر بولۇپ، سۈرىيە باس كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن قىزىل خىتاي ماۋ زېدۇڭ كوممۇنىست پارتىيىسى دۇنياغا، ئىنسانلارغا ئوخشاش كۆز بىلەن قارايدۇ. ئىنسانغا ئىنسانىي قەدىر-قىممەت بىلەن قارىمايدۇ، ئىنسانلارنى پەقەت ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىسىغا ئوخشاش كۆرىدۇ، بۇلار مەزلۇملار ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىياز بىلەن مەزلۇملارنى ئېزىپ، باستۇرۇپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن دۆلەتلەر.

مەلتەم خانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
‏-ئەلۋەتتە، بۇ يەردە تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ بىر كەمچىلىكى بار، تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ چېچىلاڭغۇ بولۇشى، مەزلۇملارغا زۇلۇم قىلغان ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، ئىنسانلار بۇنى نەچچە يىلدىن بۇيان سىناق قىلىپ تەجرىبىگە ئىگە بولدى. مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىنسا ھېچبىر ئىش بولمايدۇ، ئەمما ياۋروپانىڭ كوچىلىرىدا بىر ئىت يوقاپ كەتسە، نەچچە-نەچچە سەھىپە خەۋەرلەر يېزىلىدۇ، ھەر كۈن دۇنيادا يۈزلەرچە مۇسۇلمان شېھىت قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ بىر تال قىلىمۇ تەۋرىمەيدۇ، بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە تۈرك-ئىسلام دۇنياسى بىرلەشكەن بولسا ئىدى، ئورتاق بىر تىنچلىق كۈچى بولسا ئىدى، ھېچكىم مۇشۇنداق بىر زۇلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.

Seyit-Tumturk-doklat-xerite-385.jpg
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك. 2012-يىلى نويابىر، تۈركىيە.

 

بىز بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيىگە ئۇرۇشقا بارغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى ۋە ئەسلى تېررورچىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋېلىپ 63 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close