خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە

6552

خەلقئارلىق خەۋەرلەر تورىدا بىلدۈرىلىشىچە: ئۈرۈمچىدە تېرور ۋە جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىق سەۋەبىدىن تۇتۇلغان 81 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئىلان قىلىنىپ بۇنىڭ ئىچىدىن 9 كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بېرىشى بۇ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنىڭ ئالدىنقى سىگنالىرىدىن بىرى بولۇپ بېلىنمەكتە.

خەلقئارلىق خەۋەرلەر تورىدا بىلدۈرىلىشىچە: ئۈرۈمچىدە تېرور ۋە جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىق سەۋەبىدىن تۇتۇلغان 81 ئۇيغۇرغا ھۆكۈم ئىلان قىلىنىپ بۇنىڭ ئىچىدىن 9 كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بېرىشى بۇ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنىڭ ئالدىنقى سىگنالىرىدىن بىرى بولۇپ بېلىنمەكتە.

خىتايلارنىڭ تىلىدا شىنجىئاڭ دەپ ئاتىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندا 81 كىشىنىڭ تېرور بىلەن  كۆرەش قىلىش ھەرىكىتىدە ئوخشىمىغان تۈردىكى جازا ئالغانلىقىنى  دۆلەت ئىچىدىكى خەۋەر ئالاقىلىرىدا كەڭرى ئىلان قىلماقتا.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى جىنايەتچى كىيىمى كىيدۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلىق ، جىنايەت ۋە جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇش قاتارلىق ۋەقەلىكلەر بىلەن چېتىشلىقى  بولغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى ئىلان قىلدى. شۇنداقلا بۇلاردىن 9 نەپىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋىرىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 39 كىشى ئۆلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 29 كىشىنىڭ بۇ ۋەقەلىك بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاز بىر يىل مەزگىلىدىكى تېرور بىلەن كۆرەش قىلىش ۋە قاتتىق باستۇرۇش قارارىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يۈز كىشى ئارقا – ئارقىدىن قولغا ئېلىنىشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ باستۇرۇشنىڭ ئۈچ خىل جىنايەت دەپ ئاتىۋالغان تېرور، بۆلگۈنچىلىك  ۋە ھەىدىن ئاشقان دىندارلىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۆرەش دەپ جار سالماقتا. ۋە بۇ ۋەقەلىكلەرنى قاتتىق تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىرىۋاتقانلىقىنى داۋا قىلماقتا.

ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىتىقادى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئېلىپ بارغان قاتتىق باستۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر مۇسۇلمان تۈركلەر دۆلىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسىدەك ھالغا ئېلىنىپ كېلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىك ھەق ھوقۇقنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى قارشىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ كۆرسەتمەكتە.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close