ئىستانبۇل ۋالىيسى تۈركىستانلىلق ئۈسمۈرلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

391687317080460
ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ 4- ئويۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈرك دۇنيساسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۈسمۈرلەرنىڭ ۋەكىلىرى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىستانبۇل ۋالىيلىق بىناسىدا قوبۇل قىلدى.

 ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ 4- ئويۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن  تۈرك دۇنيساسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۈسمۈرلەرنىڭ ۋەكىلىرى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىستانبۇل ۋالىيلىق بىناسىدا قوبۇل قىلدى.

 قوبۇل قىلىش ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دىن كېينگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئۈسمۈرلەرنىڭ ۋەكىلىرى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرگە ۋالىيلىق بىناسىغا ئېلئىپ كېلىندى. ۋالىيلىق بىناسىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالىغا باشلانغان مېھمانلار كۈتىۋېلىش زالىغا كېرىپ ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ۋالى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ كىرىپ بارلىق مېھمانلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە تۈركىيەگە كەلگەن بارلىق تۈرك قېرىنداشلىرىنى، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىتلىرى بولغان كىچىك ئۆسمۈرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە تۈركىيەنىڭ بارلىق تۈرك قانداش  مىللەتلىرىنىڭ 2- يۇرتى ئىكەنلىكىنى، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ يەنە  ئۇرۇغ- تۇغقان دوست يارەنلەرگە ئىستانبۇلنى،تۈركىيەنى ياخشى چۈشەندۈرۈشىنى، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ زىيارەت قىلدۇرۇشىنى، كىچىك ئۈسمۈرلەرنىڭ بولسا ئۆزلىرى مېھمان بولۇپ تۇرىۋاتقان ئائىلىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك يېقىن دوستلۇقتا بولۇپ ئۆتۈشلىرىنى، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق ئۈنۋېرستىلارنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ چەتئەلدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان  بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 سۆزىدىن كېيىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئۇلار بىلەن خاتىرە رەسىملىرىگە چۈشتى.  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش بۆلۈمىدىن كەلگەن ئۈسمۈرلەرگە ۋاكالەتەن ھەدىيە تەقدىم قىلىشقا چىققان مەلىكە ئارتىش يىتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرگە ۋالىيغا بىر ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئۇيغۇرچە تون ھەدىيە قىلدى. دوپپا ۋە توننى كىيگەن ۋالىي ھەدىيەلەردىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بىرلىكتە بۇ قىيافەتلەر بىلەن رەسىمگە چۈشتى ۋە: ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت، ئاللاھ رازى بولسۇن! دېدى.

 ۋالىيلىقتىكى قوبۇل قىلىشتىن كېيىن ۋالىيلىق بىناسى ئالدىدا بارلىق مېھمانلار بىلەن ئوپچە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ۋالىي ھۈسەيىن ئاۋنى يەنە نۇرغۇن مېھمانلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئايرىم- ئايرىم رەسىمگە چۈشتى ۋە تاكى مېھمانلار ئېلىپ كېلىنگەن ماشىنىلار بىلەن ۋالىيلىق بىناسىنىڭ ھويلىسىدىن ئايرىلغىچە ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ ئۇزۇتۇپ قالدى.

 مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر 

 

About admin

Leave a Reply