تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر دىنى ئالىملار ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش دىنى زاتلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا رەددىيە بەردى

dini Alim Abdulhekimhan Mahsum2

دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، ئاتالمىش دىنى زاتلاردىن ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئاللاغا ئاسىيلىق قىلىش مىللەتكە خىيانەت قىلىشتىن ئىبارەت جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مىللەتكىمۇ، دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، ئاتالمىش دىنى زاتلاردىن ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئاللاغا ئاسىيلىق قىلىش مىللەتكە خىيانەت قىلىشتىن ئىبارەت جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مىللەتكىمۇ، دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرلىرى نۆۋەتتە قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە قارشى تېخىمۇ قەبىھ ۋاستىلارنى قوللانماقتا، قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى يوق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەقسەتتە دىنى زاتلارنى ۋە دىنى ئېتىقادنى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىشقا باشلىدى. خىتاي دائىرىلىرى دىننى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرۈش دېگەن سىياسىتىنى ئەمەلىيىلەشتۈرشكە قەدەم قويدى ۋە ئىسلام دىنى ئېتىقادىنى بورمىلاپ دىنى زاتلارنى دىن نامىدا دىنغا قارشى سۆزلەشكە مەجبۇرلىماقتا.

خىتاي دائىرلىرى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن 70 نەپەر دىنى زاتنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مەسجىدىگە يىغىپ 22 – ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارشى دىن نامىدا بايانات بېرىشكە بۇيرۇق قىلغان. بۇ بۇيرۇقنى بىجا كەلتۈرگەن ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جارۇللاھ قۇربان، ئابدۇرېشىت داموللا، مۆھتەرەم شېرىپ باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش 70 نەپەر دىنى زات 22- ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى قاتتىق ئەيبلىگەن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇراللىق ھەرىكەت قىلغانلارنىڭ، ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ زوراۋان تېرورچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئىسلام دىنىغا خىلاپ  ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان.

70 نەپەر قورچاق دىنى زات، خىتاي دائىرلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن  دىن نامىدا دىننىڭ بەزى ئەقىدە ۋە پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بايانات ئېلان قىلدى. ئىسلام دىندا زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىققا قارشى تۇرۇش،  زۇلۇمنى يوق قىلىپ ئادالەت بەرپا قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئىسلام ئەقدىلىرىنى بورمىلاپ «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى دىندا ئاساس يوقلۇقىنى داۋا قىلىشقان.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش دىنى زاتلار ئېلان قىلغان باياناتقا رەددىيە بەردى.

 

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار، ئۇلارنىڭ بەرگەن باياناتىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باياناتىنىڭ ئىسلام دىنىدا ھېچ قانداق ئاساسى يوقلۇقىنى بەلكى ئۇلارنىڭ دىننى بورمىلاپ ئۆزگەرتىپ ئۆز خاھىشىغا بويسۇندۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئىماندىن چىقىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ، پايدا – مەنپەئەت، پۇل ۋە مەنسەپ ياكى بېسىم بىلەن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئەگەر چىن دىلىدىن شۇنداق داۋا قىلغان بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكىمى بويىچە ئىماندىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇرۇمچىدە بايانات بەرگەن ئاتالمىش دىنى زاتلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

dini alim Abdulkerim kuchar2

دىنى ئالىم ئابدۇكەرىم كۇچار ، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھېچ قانداق شەك يوق شېھىت بولىدىغانلىقىنى، شېھىتلەرنىڭ ئىسلام دىنىدا ئالاھىدە يۇقىرى مەرتىۋىسى بارلىقىنى، جەننەتتىن ئورۇن ئالدىغانلىقى، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى، شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن دەللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن قورچاق باشلىقى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ، زوراۋان – تېررورچىلار ئىسلام دىنى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ناھەق ئۆلتۈرۈپ، ھەم قانۇننى دەپسەندە قىلدى، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنى ياخش ئىش قىلىشقا ئۈندەش، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، دېگەن.

مۆھتەرەم شىرىپ داموللا  ‹‹22 – ماي›› ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ جانلارغا رەھىمسىزلەرچە زامىن بولغان ئاشۇ زوراۋان، تېررورچىلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە – ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ تىنچلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى، دوستانىلىقنى تەشەببۇس قىلىش روھىدىن چەتنەپ كەتتى. شۇڭا، ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، دېگەن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى شۇنداقلا دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئاتالمىش دىنى زات ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز باشچىلىقىدىكى ئاتالمىش دىنى زاتلارنىڭ دىن نامىدا دىنغا قارشى بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاغا ئاسىيلىق قىلغانلىق، مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلغانلىق دەپ باھا بەردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ئازغۇن ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مىللەتكىمۇ، دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1949 – يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان خەلقىمىزنى ھەر خىل كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئىزىپ كەلدى، يېقىندىن بۇيان خەلق ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى دىنى كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارغا ئىخلاس قىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن  خىتاي ئىسلامىي ساھەدىكىلەرنىمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشىلتىشكە ئورنىۋاتىدۇ ئەمما ئىسلامى ساھەدىكى دىنى ئالىملار ھەر قانداق بەدەل تۈلەشتىن قەتئىنەزەر خىتاي كومۇنىست تاجاۋۇزلىرىنىڭ بۇ يامان نىيىتىگە ھەمكارلاشماي ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئاز ساندىكى كىشىلەر ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازغا ئوخشاش كىشىلەر خىتايغا غالچىلىق قىلىپ، دىنغا ۋەكىللىك قىلغان نامىدا چىقىپ دىننى تامامەن بورمىلاپ، تاجاۋۇزچى زوراۋان كۈچلەرگە خىزمەت قىلىپ، ئاللاغا ئاسىيلىق قىلىش مىللەتكە خىيانەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، ئابدۇرېقىپ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاز ساندىكى كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىنى ئۆلىمالار دىن ئاللا رازى بولسۇن، تىرىشچانلىق قىلىپ ئۆز خەلقىگە دىننى ئۆگىتىپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،  ئابدۇرېقىپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار مىللەتكىمۇ، دىنغىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن جىھادى پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان  ياشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، بۇلار ئازغۇن دېگەندەك گەپلىرى تامامەن ئېچىنىشلىق سەپسەتىدىن ئىبارەت.  ئاللاتائالا قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ يولىدا ھاياتىنى پىدا قىلالىغان بۇنداق كىشىلەرنى سىلەر ئۆلۈك دەپ ھېسابلىماڭلار، ئۇلار مەڭگۇ ھايات، ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ھايات ، لېكىن بۇلارنىڭ قەدىر – قىممىتىنى سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرەپتىن قانداق مۇكاپات قانداق ئالى ماقامغا ئېرىشىدىغانلىقىنى سىلەر ھېچ قىلالمايسىلەر.  ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە شۇنچىۋالا قەدىرلەۋاتسا، شۇنچىۋالا يۇقىرى باھا بېرىۋاتسا بۇ ئايەتلەرنى قايرىپ قويۇپ ئۇلارنى ھەر خىل بىر نەرسە دېيىش ئاجايىپ چوڭ ئازغۇنلىق.

ئىبنى تەپسىر دېگەن قۇرئان تەپسىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان دىنى ئالىم مۇمىنجان خىتاي موللىرىنىڭ باياناتىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلگەن دىنى زاتلارنىڭ خەلقنى ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، بۇلار بىلەن ھېچ قانداق چېتىشلىقى يوق پەقەت ئاشۇ يەردە بىر پارتىلاش يۈز بەرسە بۇلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىپ ساراپ كېتىپتۇ. بۇلار مەيلى مەجبۇرلاش مەيلى ئۆز  ئىختىيارلىقى بىلەن سايرىسۇن ئۇلارنىڭ سايراشلىرى تۈپتىن خاتا. ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلغان ئىنسانلارنىڭ، ئىسلامى دەۋەتنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار، ھەقىقىي دىنى ئۆلىمالارنىڭ نە پۇل ئىقتىساد ۋە يەر – مۈلۈك تۇپراقتا كۆزى بولمايدۇ، بىزنىڭ پەقەت ھەقنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت – سائادىتىگە ئورتاق يېتىشنى ئۈمىد ئارزۇ قىلىپ دەۋەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. خىتاي ھاكىمىيىتى توختىماي دىنغا تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلار خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتىدۇ، ناماز ئوقۇليالمايۋاتىدۇ، ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيەلمەيۋاتىدۇ، بۇ باياناتنى بەرگەن دىنى زاتلار بۇلار ئەھۋاللارنى خىتايدىن نېمىشقا سورىمايدۇ؟ كوچىلاردا ساقچىلار خانىم – قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى مەجبۇرى سالىدۇرۇپ ئۈستىنى ئېچىۋاتىدۇ.  كوچىلاردا ئۇلارنىڭ قىزى ياكى سىڭلىسى ياكى ئايالىنى خىتاي ساقچىلىرى تارتىپ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋەتسە بۇ زۇلۇمغا ئۇلار نېمە دەيدۇ؟ مۇشۇنداق زۇلۇم يۈز بېرىدىكەن ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىش يولى تۇسىلىدىكەن، مۇسۇلمانلار زۇلۇمغا ئۇچرايدىكەن ئۇ زامان جىھاد قىلىش پەرز ئەيىن بولىدۇ، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىش جىھاد قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. خىتاينىڭ قورچاق موللىرىنى ئىسلام دىنىدىكى جىھاد ئىبادىنى ۋە جىھاد قىلىپ شېھىد بولغان مۇجاھىدلارنى قارىلاپ، تۆھمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇشكە، ئۇلارنى يامان كۆرسىتىشكە ئورنىتىۋاتىدۇ، بۇ ئارقىلىق دىنىمىزنى بورمىلاپ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرىۋاتىدۇ، بۇلار ئەسلى دىننىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇرۇپ بورمىلىغانلىقى ئۈچۈن دوۋزاختە ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ. خەلقىمىز، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىق خىتاينىڭ قورچاقلىرىدىن نەپرەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.

ئارسلان تاش تەييارلىدى

About admin

Leave a Reply