ئۈرۈمچى قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۇقتۇرۇشى

uygur (1)

ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 5 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۇقتۇرۇشى

2009 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى خىتاينىڭ گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇئەن شەھىرىدە بىر زاۋۇتتا زوراۋان خىتايلار تەرىپىدىن قۇللۇق تۈزۈم بويىچە بېسىم ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتايلار زوراۋانلىق قىلدى ۋە بىر كېچىدە نەچچە مىڭلىغان تېررورچى خىتايلار، ئۇيغۇرلار ئوخلاۋاتقان ياتاقلارغا بېسىپ كىردى ۋە قاتتىق ئۇرۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلارنى ئۆلتۈرىۋەتتى ۋە  يارىلاندۇردى. بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان ئوت يۈرەك نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى 2009 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ بۇ زوراۋانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى. گەرچە نامايىشچىلار تىنچ يول بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى  نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئاتتى ۋە نەچچە مىڭ كىشىنى شېھىد قىلدى، نەچچە مىڭ كىشىنى يارىلاندۇردى، نەچچە مىڭ كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ قەتلى قىلدى. بۇ ۋەقە بولغان كۈنى بىر كېچىدىلا نۇرغۇن ياشلار قىرغىن قىلىندى.  

دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10 مىڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلدى كېيىن  20 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. مۇھىم بولغىنى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە  بۇ نامايىشقا قاتناشقان پۈتۈن  كىشىلەرنىڭ  ھېچ بىرىدىن ھازىرغىچە ھېچ قانداق خەۋەر يوق، يوقاپ كەتكەنلەردىن 300 نەپەر كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغان بولسىمۇ كۆپ ساندىكى نامايىشچىلار ئىز دىرەكسىز يوق بولۇپ كەتتى، خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغانلارغىمۇ ئىگە چىقماي كۆرمىدۇق، ئۆلتۈرمىدۇق دەپ ئىنكار قىلماقتا.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن  7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 7 – كۈنىچىگە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان ھەپتىسىدە دەپ ئېلان قىلىندى.

7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 7 – كۈنىگىچە ئىستانبۇلنىڭ ئېمىنۇنۇ مەيدانىدا خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلاتقان رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ، تەشىۋىقات ۋارىقى تارقىتىلىدۇ.

7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كەچتە زەيتىنبۇرنۇ بەلەدىيە ئىچىدىكى مەيداندا ئىپتار زىياپىتى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 ‏- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى 2014 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى پەيشەنبە سائەت 12:00 دە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى

ئۆزىنى ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستانلىق  مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان ھەر قانداق كىشىلەرنىڭ بۇ نامايىشقا جىددى قاراپ ۋاقتىدا كېلىپ قاتنىشىشىنى ئالاھىدە ئوقتۇرۇش قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى:

0212 5232877

ئى خەت: doguturkistan@maarip.org

www.maarip.org

About admin

Leave a Reply