خەۋەرلەر

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار قالايمىقان تۇتقۇن قىلىنىش ئوبىكتى قىلىنماقتا

ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار قالايمىقان تۇتقۇن قىلىنىش ئوبىكتى قىلىنماقتا

 ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، زالىم خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئوبىكتى قىلغان

ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، زالىم خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قالايمىقان تۇتقۇن قىلىش ئوبىكتى قىلغان.

ئۇچۇردا، 23- ئىيۇن كۈنى ئىچكىرىدە ماشىنا ھەيدەپ كىتىپ بارغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ تۇتۇلغانلىقى ۋە نەخ مەيداندا تەكشۈرۈلگەنلىكى، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قول ماشىنا ئېلىپ سېتىش ئۈچۈن تۇرىۋاتقان بالىلار ئىكەنلىكىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ پۈتۈن رەسمىيەتلىرىنىڭ تۇلۇق ئىكەنلىكى ۋە گۇمانلىق ھېچ نەرسە بايقالمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق سوراققا تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇيغۇلارغا قارشى ئىرقىچىلىق سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشغالچى خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلماقتا ۋە زوراۋانلىق سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەيۋە كۆرسەتمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close