خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى بىلەن ئۇچراشتى

جەمئىيىتىمىز مەسئۇللىرى كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ باشچىلىقىدا جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىدىن 3 كىشىلىك بىر ھەيئەت كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەيئىتىنى ئىشخانىسدا قىزغىن كۈتىۋالدى.

بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىنىڭ يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەش شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىىيىتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۆل بۆلۈش ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شەھەر رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە خىزمەتلەردە ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.  ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە ئىستانبۇلغا يېڭىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە ئورۇنلىشىشى، سالامەتلىك ۋە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

تەمەل قارادېڭىز ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە چىن كۆڭلىدىن قوللايدىغانلىقىنى، شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلەرگە قاراپ قولىدىن كېلىشىچە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن زىيارەتكە كەلگەن ھەيئەت خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

ھەممىزگە مەلۇم بولغاندەك ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ كۈچۈكچەكمەجە ناھيىسىنىڭ سەفاكۆي رايونىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بۇ رايوندا شۆبىسى پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە، ھەمدە يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچى بۇ رايونغا ئولتۇقراقلاشماقتا. شۇ سەۋەبتىن بۇ رايوننىڭ شەھەر باشلىقىغا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېرىشىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچۈكچەكمەجە شەھەر شەھەر باشلىقى  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى

Show More

Related Articles

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close