تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئوقتۇرۇش

نوپۇس كىملىكىدە توغۇلغان يېرى چىن (خىتاي) شىنجاڭ دەپ يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ توغۇلغان يېرىگە ئۆزىنىڭ يۇرتىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە سۇنغان بۇ توغرىدىكى تەلەپ رەسمى تەستىقلاندى.

تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ۋىلايەتنىڭ ۋىلايەتلىك نوپۇس ئىدارىسىغا بېرىپ، ئىلتىماس سۇنسا ھەقىقى تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان قاتتىق زۇلۇم ۋە بېسىملار سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، چەتئەللەردە پاناھلانماقتا ۋە شۇ دۆلەتلىنىڭ گىراژدانلىقىغا قۇبۇل قىلىنماقتا.

جۈملىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشىكىنى ئەڭ كەڭ ئاچقان ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆپ نۇپۇسىغا قۇبۇل قىلغان بىر دۆلەت بولۇپ، تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتكەنلەرنىڭ كىملىكىدىكى تۇغۇلغان يەر دېگەن ئۇرۇنغا، قولىدىكى ئەسلى ماتىريالغا ئاساسەن چىن شىنجاڭ دەپ يېزىلغان .

بۇ خاتالىقنى تۈزۈتۈش ۋە بۇ خاتالىق سەۋەپلىك نوپۇسقا ئۆتكەن ئۇيغۇر ھەمشەھەرلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا سۇنغان ئىلتىماسى تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ ھەقتە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈۋەندىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى:

ھۆرمەتلىك ھەمشەھەرلىرىمىز، نوپۇس كىملىكىدە چىن (خىتاي) شىنجاڭ يېزىغلىق بولغانلار ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ۋىلايەتلىك نوپۇس ئىدارىسىغا بېرىپ، ئىلتىماس سۇنسا ھەقىقى تۇغۇلغان يۇرتىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلىدۇ، تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!

ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 02125232877

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply