پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارتارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارتارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مەزكۇر يىغىندا بىر قاتار مۇھاكىمە دوكلاتلىرى ئوقۇلدى. دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە»، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇساجان ئەر، «1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى دېگەن» تېمىلاردا دوكلات بەردى.

بۇ يىغىندا دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا «ھازىرقى چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە ئىدېئولوگىيىسىگە تايىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.


تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ «تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر نۇقتىسىدىن مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان چاغدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىدا ئوينىغان رولى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە قايىل قىلارلىق مەلۇماتلارنى بەردى.

يىغىندا دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى تۈزۈلمىسىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، سابىت داموللام ئۇيغۇر، قىرغىز ۋە مۇھاجىر ئۆزبېك قوشۇنلىرى بىلەن بىرلەشكەنلىكى، خوجا نىياز ھاجىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە دۆلەتلەرگە خەت-چەك يوللىغانلىقى، 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر قانداق مۇستەقىل بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك شەرت-شارائىتلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغانلىقى، نۆۋەتتە، چەتئەللەردە داۋام قىلىنىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى ۋە ئىدېئولوگىيىسىگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

 ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەدىن ئاڭلاڭ

Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close