باش بەت

ئولۇق رامىزان ئېيى مۇئمىنلار ئۈچۈن رەھمەت، غەلىبە، نۈسرەت ئيىدۇر

DoğuTürkistan

ۋەتىنىمىزدە ئولۇق رامىزاندا ئاللاھ ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى بولغان(ئەركانۇل ئىسلام)نى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىدۇر. 

سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ ماقالىسى

ۋەتىنىمىزدە ئولۇق رامىزاندا ئاللاھ ۋە ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى بولغان(ئەركانۇل ئىسلام)نى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىدۇر. بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ بىر ئىمتىھان. ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيا ئىنسان ئۈچۈن ئىمتىھان دۇنياسىدۇر. ئىسلامنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تارتىپ رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىبادەت ئېيىلا بولماستىن،جىھاد، فەتھى، نۈسرەت ئايلىرى بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرى ئاساسەن رامىزاندا بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە دونيانىڭ ھەر يېرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان رەھمىتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدا مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئاجايىپ، خۇشاللىق كەلسە ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ ئۈنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق، مۇسىبەت كەلسە سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر» .يىقىنقى ئىككى ئاي مابەينىدە ۋەتىنىمزدە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۇرمىلارغا تاشلاندى، ئۆلتۈرۈلدى، قوغلاندى، يۇرتلىرىدىن پالاندى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ئوقۇغان، ئۆگەتكەن، ئۆي بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا 5يىل 10 يىللىقتىن تۇرمىلارغا تاشلانماقا، ئېغىر ئىقتىسادى بەدەللەرنى تۆلىمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىنى دۈشمەنلەر ئۆزى ئۈچۈن غەلىبە دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىمتىھان، سىناقلار بىز ئۇيغۇلار ئۈچۈن غەلىبە- نۈسرەتنىڭ بىشارىتىدۇر. چۈنكى، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ناھەق شېھىد قىلىندى، گۇناھسىز تۇرمىلارغا تاشلاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھقا تىخىمۇ يېقىن بولىشى، مىللەتنىڭ ئويغىنىشىغا ۋەسىلە، بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ. يەنە كىلىپ، بىزدەك ئېزىلگەن بىر مىللەت ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىمىز كېرەك، بەدەل تۆلىمەي ھوقۇقلىرىنى قايتۇرىۋالغان مىللەت يوق. بەدەلنى قاچان، قايسى ئۇسۇلدا تۆلەشنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ.
بىر مۇئمىن ئۇچۈن ئەڭ يۈكسەك ماقام شېھىدلىق ماقامىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ۋەتىنىمىز، سۈرىيە، ئىراق، ھازىرنىڭ ئۆزىدە غەززىدىكى قېرىنداشلىرىمىز زالىم ھۇجۇملارنىڭ قۇربانى بولۇپ شېھىد قىلىنماقتا، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلىرى بىگۇنا ئانىلار، نارىسىدە بالىلار. شۇ ئاققان قانلار قارىماققا بىزلەر ئۈچۈن بىھۇدە ئېقىۋاقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئاللاھنىڭ نەزدىدە بىھۇدە ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇدۇنيادىمۇ، قىيامەتتىمۇ چوقۇم بەدىلى بار. بۇدۇنيادىكى بەدىلى غەلىبە بولسا، قىيامەتتىكى بەدىلى جەننەتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەبىنى يىقىپ تاشلاش بىگۇنا ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتىن يەڭگىلراقتۇر» دېگەن.

مۇسۇلمانلار ۋەتىنىمىزدە بولسۇن باشقا جايلادا بولسۇن مۇسىبەتنىڭ ئېغىرىلىقىغا قارىماي ئۈمىتلىك، روھلۇق بولىشى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەسلىكى ئىماننىڭ كامالىتىدۇر..

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

بۇنىمۇ تەكشۈرۈڭ
Close
Back to top button