خەۋەرلەر

خىتاي قارامايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى چېقىۋەتتى

خىتاي قارامايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زېچ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۆيلىرىنى مەجبۇرى چېقىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا ئورۇنماقتا

مىللىي مەدەنىيەت ئۆرۈپ – ئادەتلىرى بىلەن ياشاۋاتقان قارامايدىكى ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلىشقا، تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا مەجبۇرلانماقتا

بۈگۈن قاراماي شەھرىنىڭ شىمالى چوڭ جىلغا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندىكى ئۆيلىرى مەجبۇرى چىقىلدى، چىقىلغان ئاھالىلارگە ئۇقتۇرۇش قىلماستىن تويۇقسىز كېلىپلا چېقىۋەتكەن سەنگوڭيى يەنى خىتايلار ئولتۇراق رايۇنى بولسا ھەر كۆۋادىرات مىتىر ئۈچۈن ھەركۆۋادىرات مىتىرغا ئۆي بېرىلگەن، ئۆي بېرىلمىگەن يەرگە زىمىن بېرىلگەن ۋە ئۆي ياسىتىش ھەققى ئۈچۈن 200مىڭ يۇەن بېرىلگەن. بېراق ئۇيغۇرلار ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىگىللىرىگە 20مىڭ يۇەندىن پۇل بېرىلگەن، پۇلنى ئېلىشنى قوبول قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى مەجبۇرى چىقىپ نەرسىلىرىنى سېرىتقا دولەپ قويغان.
بۇ قېتىملىك ئۆي چىقىشقا 50نەپەر ئالاھىدە قورالىق خىتاي ئەسكەر 35نەپەر جاللات ساقچى ئۆت ئۆچۇرۇش قۇتقۇزۇش خادىملىرى قاتناشقان،ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى ئۇيغۇر قورچاق خادىمىنىڭ دىيىشىچە بۇ ھەركەتتە خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ئۆيدىن چىقىشنى رەت قىلغان بولۇپ جاللات ساقچىلار شۇ يەرگە بېرىپ ئۆيلىرنىڭ چېقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.

خىتاينىڭ بۇ خىل ناھەقچىلىكلىرى، ئىككى يۈزلۈمچىلىكى، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ خىتاي ئاققۇنلارنى ھىمايە ئاستىغا ئېلىشتىن ئىبارەت ناچار ۋە قەبىھ سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارنى غەزەپ – نەپرەتكە كەلتۈرمەكتە ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەر ھەر كۈنى ھەر يەردە داۋام قىلماقتا. بۇ خىل ناھەقچىلىكلەر خىتاينىڭ يوق بولۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ ئىنشائاللاھ.
جانابى ئاللاھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئازادلىق، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق يولدا ماڭىدىغان مىڭلىغان قەھرىمان مۇجاھىد پىدائىيلارنى يېتىشتۇرۇپ بەرگەي ۋە خىتايدىن ئازاد بولۇشقا نىسىپ قىلغاي.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close