6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچىرىشىش يىغىنى

شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى
شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1200 يىلدىن ئارتۇق ئىسلام تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ئىگە ئىسلام دىنى بىلەن شەرەپلەنگەن مۇسۇلمان خەلق. ئەجدادلىرىمىز داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن دىنى ئېتىقاد ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئىگە چىقىش، ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئومۇملاشتۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەرلىك دىنى ۋە مىللىي ئاڭ بىلەن ياشاش ، ئەۋلادلارنى شو بويىچە يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. دىنى ئەقىدە، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى قوغداش، ۋەتەن خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقاد، مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىل – يېزىق، مائارىپ ئەركىنلىكىگە، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەركىنلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان ئامىللارنى يوق قىلىش، بۇ ساھەدىكى تەھدىتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئىزدىنىش، نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارىتا ۋە ھەل قىلىش – چارە تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىش ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاسىلىمىلاتسىيە ۋە يوقۇلۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۈچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىمقى يىغىن يەنى 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان، «دۇنيا شەرقىي تۈركسىتانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە 7 كۈن ئىستانبۇلدا داۋام قىلىدۇ.
بۇ يىل 6 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەتقىقاتچىلار، دوكتۇر، پروفېسسورلار، تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار، تەكلىپ قىلىندى.
كامپىنىڭ مۇددىتى ئېچىلىش كۈنى ۋە يېپىلىش كۈنلىرى بىلەن قوشۇپ 7 كۈن بولىدۇ.
ۋاقتى: 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە 7 كۈن داۋام قىلىدۇ.
8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى شەنبە كەچ سائەت 19:30 دا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا ئېچلىش مۇراسمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كامپ پروگرامما 3- ئاۋغۇستتىن 8- ئاۋغۇستقىچە كامپ پروگراممى 6 كۈن داۋام قىلىدۇ.
6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كامپ پروگراممىدا، ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، دىنى ئېتىقاد، مەدەنىيەت – ئۆرۈپ – ئادەت، تىل – يېزىق، مىللىي مائارىپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتسادىي ساھەلەردە مەسىلىلەر، دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە بۇنىڭ ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇلىدۇ، پىكىر – ئالماشتۇرۇلىدۇ، مۇھاكىمە، مۇزاكىرە ۋە بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ھەر كۈنى 4 كىشى تېمىلار بويىچە سۆز قىلىدۇ، ۋە تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1- كۈنى: ئىسلام دىنى دۈچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى
2- كۈنى: ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەردىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى
3- كۈنى: ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى
4-كۈنى: شەرقىي تۈركىستان خەلقى مائارىپ جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى
5- كۈنى: مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادەتكە قارىتا دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى