28- ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى توغرىسىدا جەمئىيەت باياناتى

DoğuTürkistan

ئىشغالچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا قارشى شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق جىھادى ھەرىكىتى كەسكىن بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا

خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق جىھادى كۈرىشىنى ئاتالمىش تېرورلۇق ۋە زوراۋانلىق سۈپەتلىرى سۈپەتلەپ، شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ۋەھشىلەرچە ئىجرا قىلماقتا.

28- ئىيۇل كۈنى ئىشغالچى خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زوراۋانلىقلىرى سەۋەپلىك قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسىدە يەنە بىر قېتىملىق قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈشۈك تەككەن ھېرى نەشتىرىنى قاتتىق سانچىدۇ دېگەندەك، خىتاي كومۇنىستىلىرى يەكەن قاتارلىق پۈتۈن قەشقەر ۋە باشقا شەھەرلەرنى قاتتىق قامال ئاستىغا ئېلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقى ئايرىمچىلىقى ۋە قىرغىنچىلىقىنى ۋەھشىلەرچە ئىجرا قىلىشىنى داۋام قىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شەرقى تۈركىستاندا يەنە ۋەقە، يەنە قان كۆلى نامىدا جىددى بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە خىتاي زۇلۇمىغا توختا دېيىلىش تەلەپ قىلىنغان !

خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يەرلىك خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلىنىپ، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.

خىتاي دۆلەت ئاخباراتى شىنخۇانىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقە 28- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەدە 13 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلق ئىچىدىكى نەخ مەيدان شاھىتىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 120 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ۋەقەنىڭ 28- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، بىر توپ كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پالتا ۋە توقماقلار بىلەن ئېلىشقۇ يېزىلىق باشقۇرۇش بىناسى ۋە ساقچىخانىلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئوخشاش ۋاقىتتا خاڭدى يېزىسىدىمۇ بىر توپ  كىشىلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، 30 ماشىنىنى چېقىپ تاشلىۋەتكەنلىكى، 6 ماشىنىغا ئوت قۇيۇۋەتكەنلىكىنى داۋا قىلدى.

لېكىن خىتاي ئاخباراتلىرى ۋەقەلەرنىڭ نېمە سەۋەپتىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

مەركىزى ئامېرىكا قوشما شىتاتىدا بولغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تېلىفۇن ئارقىلىق ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن، بۇ قېتىمقى ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 120 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، بۇ ۋەقەدىن كىيىن يەكەن ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

نۆۋەتتە، مەزكۇر رايۇندا ئىنتىرنىت ئۈزۈۋېتىلدى، پۈتۈن يوللار قامال ئاستىغا ئېلىندى، ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە سىرتتىن كىرىشى چەكلەندى، يەرلىك خەلقنىڭ كوچىغا چىقىشى مەنئى قىلىندى، ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.

خىتاي كومۇنىستلىرى بۇ ۋەقەلەرنى تېرورچىلىق ۋەقەسى دەپ بايانات ئېلان قىلدى، ئەمما ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەپتىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.

شەرقى تۈركىستاندا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ پەقەت بىرلا سەۋەبى باردۇر. ئاخىرقى كۈنلەردە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى دىنى بېسىملىرى تولىمۇ چېكىدىن ئاشتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دېنى ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا يول قويمىدى، خۇسۇسەن رۇزى تۇتۇش، ناماز ئوقۇشنى قاتتىق چەكلىدى، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشى ۋە قىز – ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى ھەم مەنئى قىلدى، ھىجاپ ۋە پەرەنجىلىك قىز-ئاياللار ھىجاپلىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلانماقتا ، ھىجاپلىرىنى ئېچىۋېتىشنى رەت قىلغانلار جەرىمانە ۋە قاماق جازالىرىغا دۇچار بولماقتا.

ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى بولسا ھىجاپلىق ئاياللىرى تۇتۇپ كىتىلگەن ئەلەردىن بىر توپ ئەزىمەتلەرنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغانلقى ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى، كىيىن ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا قارىتىپ ئوت ئېچىشى نەتىجىسىدە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن مەزكۇر رايۇندىن ئىگىلىگە ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 28- ئىيۇل كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەكەن ناھىيىسىدە ساقچىلار بىر ئائىلىگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىر ئايالنىڭ ھىجابىنى مەجبۇرى ئېچىشقا ئۇرۇنغاندا، مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 70 ياشلىق چوڭ ئانا بىلەن 7 ياشلىق بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 نەپەر ئائىلە ئەزاسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھرەملىرىنى قوغداش يولىدا ھېچنىمىگە قارىماي كۆكرەك كېرىپ چىقماقتا . ياغلىق ۋە ھىجاپلانغانلىقى سەۋەپلىك تۈرمىگە سولانغان ئاياللىرىنى ۋە ئاچا-سېڭىللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلماقتا.

خىتاي كومۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارغا بىر ئاز دىنى مىللى ئەركىنلىك بەرگەن بولسا ئىدى، بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى، ئەمما خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرگە قارىتا يەرلىك خەلقنىڭ  تەلەپلىرىنى ئۇرۇنداشنىڭ ئورنىغا كۈچ ۋە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق قىرغىن قىلىشنى ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىماقتا.

ئىشغالچى خىتاي كومۇنىست دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى دۆلەتكە نىسپەتەن تەھدىت دەپ قارىماقتا، بۇ سەۋەپتىن شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلماقتا، ئەمما شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ دىنى –ئېتىقادى، ئۆرپە-ئادىتى ۋە مىللى- مەدىنىيىتىنى قوغداشقا ئوخشاش ئىنچىكە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ چەكلىمىلىرىگە باش ئەگمەستىن ھەققانىيەت يولىدا جان ۋە ماللىرىنى پىدا قىلىپ، ئۆزلىرىنى كىملىكىنى قوغداپ قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئوتتۇرىدا بىر چۈشۈنۈشمەسلىك بار، خىتاي كومۇنىستلىرى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنى تەسلىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا، شەرقى تۈركىستان خەلقىنى دىنى –ئىتىقادىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ۋە مەدىنىيە ئاسسىمىلاتسىيەسى ئارقىلىق يوقۇتىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي كومۇنىستلىرى ئۇچۇق-ئاشكارا شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ياكى يوقۇلىسىلەر، ياكى بىزگە ئوخشاش دىنسىز، ئىمانسىز خىتاي بولۇپ ياشايسىلەر دەپ تەھدىت قىلماقتا ۋە شۇنداق ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

65 يىلدىن بويان تۈگىمىگەن بۇ زۇلۇم ھەر ئۆتكەن كۈنى تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا، خىتاي بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ سەبىرىنى قويمايۋاتىدۇ، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا ھېچكىمنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكى يوقتۇر. ھەر كۈنى مىڭلارچە ئۇيغۇر ياش تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش داۋام قىلىۋاتىدۇ، شەرقى تۈركىستان خەلقى قاچان ئۆيۈم باستۇرۇشقا ئۇچرايدىكى دەپ قورقۇش ۋە ئەنسىرەش ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قوغداش ھوقۇقى يوقتۇر. رۇزى ھېيتىغا بىر كۈن قالغاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە يۇرت ئىچى ۋە يۇرت تېشىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى قايغۇغا سالماقتا.

خىتاي كومۇنىستلىرى شەرقى تۈركىستاندا جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا بۇنىڭغا ھېچ ئاۋاز چىقارماستىن قاراپ تۇرماقتا، بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندا چوڭ بىر قەتلىئام يۈرگۈزىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتى، خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، دۇنيا ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە پۈتۈن خەلقارا ئاممىسىنى شەرقى تۈركسىتانغا دېققەت قىلىشىنى ۋە ئۇ يەردە يۈز بىرىۋاتقان ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلماسلىقىنى، دۇنياغا تەھدىت سېلىپ ئوتتۇرىغا چىققان قانخور خىتاي كومۇنىستلىرىغا توختا دېيىشىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئاستىغا ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ نىدايىمىزغا ھېچكىمنىڭ قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇنداقتىمۇ يەنە نىدا قىلىمىزكى، خىتاي زۇلۇمىغا توختا دەڭلار !…

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply