پائالىيەتلەر

3 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار

3 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار

يىغىندا 4 ساھە بويىچە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا قارارلار ئېلىندى

 ئۇلۇغ ئىسلام دىنىىمىز ۋە مۇقەددەس ۋەتەن داۋايىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتى بولغان ئۆز-ئارا قېرىنداشلىق، ئىناق ـ ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى سەمىمىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش نىشان، ۋە ئوخشاش غايە ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ بىر تەن، بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرالىشى شۇنداقلا كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئورتاق پىلان  ـ لايىھەلەرنى تۈزۈپ چىقالىشىنى مەقسەت قىلغان 3 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2011 ـ يىلى 19 ـ ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىپ، بولو شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق ساياھەت رايونى بولغان «سۈننەت كۆلى»دە، 7 كۈن داۋام قىلدى ۋە 26– ئىيۇن كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

7 كۈنلۈك ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئاخىرىدا ھەر قايسى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپ ـ پىكرىلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار ماقۇللاندى ۋە ماقۇللانغان قارارلار يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەرىپىدىن ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

 ماقۇللانغان قارارلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:  

 

1-  تەلىم – تەربىيە ھەمكارلىق توغرىسىدا ئېلىنغان قارارلار

 1 – چەلئەلدە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ساھەدە ياراملىق ۋە ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

2 – ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش.

3 – چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي تۇيغۇ بىلەن يېتىشىپ چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

4 – ئۇلار ئىچىدە دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىق، بىرلىك، باراۋەرلىك، ئۆملۈك بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

5 – بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ تەلىم- تەربىيە بۆلۈمى قۇرۇش.

6- تەلىم – تەربىيە ئارقىلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كۆرسەتكەن يولنى ئاساس قىلىپ مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىدىغان ئىقتىدارلىق ئىنسانلارنى يىتىشتۈرۈش،  شۇ ئارقىلىق مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاتلىقىغا تۆھپە قۇشۇش.

7- پەرزەنتلىرىمىزنى ئانا تىل بىلەن تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان خاراكتېرغا ئىگە قىلىش.

8- دىنىغا سادىق، ۋەتەن- مىللەتنى سۆيىدىغان، پىداركار، ئىنقىلابى روھىنى بەرپا قىلىش.

 

بۇ قارارلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر:

1 – ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئورتاق دىنىي ۋە مىللىي تەلىم – تەربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرسلىك كىتابى (ياكى مەۋجۇد كىتابلاردىن دەرسلىك ھازىرلاش).

2 – ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، ئوقۇغان كەسپلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەش ۋە كەسپ تاللاشتا مەسلىھەت بېرىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش.

3- ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادىنى چىقىرىش  كۇرسى ئېچىش. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە 2 ئايلىق شەھەر سىرتىدا ياتاقلىق تىل ۋە قۇرئان – كەرىم كۇرسى ئېچىش. ئۇيغۇر تىلى، تارىخ، ئىسلام دىنى ھەققىدە زېھنى سىناش مۇسابىقىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرىنچى بولغانلارنى مۇكاپاتلاش. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا كىتاب ئوقۇش ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش.  

4- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ  دىنى ۋە مىللىي روھىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەلىم تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش.

 

2-دەۋەت ۋە سۆھبەت ھەمكارلىق توغرىسىدا ئېلىنغان قارارلار

 

1 – ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق دىنىي ۋە مىللىي زاتلار بىلەن ئىزچىل ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىر – بىرىگە يول قويىدىغان، پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان شارائىت ھازىرلاش قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىش.

2 – شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دىندىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇشقا، پىقھى ئىختىلاپلاردىن، پىكرى ئوخشىماسلىقلاردىن ئىمكان قەدەر يىراق تۇرۇشقا، تارىختىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش.

3 – مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا دەۋەتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىنىي سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش ۋە چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، دىنىي، مىللىي ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش، ياردەم قىلىش، ھەمكارلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش.

4 – ئاياللار ۋە ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈنمۇ مەخسۇس سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭمۇ دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلارنى مەنىۋىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلدۈرۈپ، بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەش.

5- خەلقىمىزنىڭ ناچار ئەخلاق ۋە يامان يولغا كىرىپ كېتىشىنىڭ بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكىلەرنىڭ خىرىسئان بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش.

6- جامائەتچىلىكتىن يىراقلىشىپ كەتكەن يۇرتداشلىرىمىز بىلەن ئەڭ مۇۋاپىق شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش.

 

يۇقىرىدىكى قارارلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر:

1 – ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىلىم ئىگىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش. نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۈرۈش ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا دەۋەت ۋە سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرۇش.

4 – ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايوندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھېيت – ئايەم، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ مۇراسىملىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش.  

5 – ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇش.

6 – ئەمەلىي دەۋەتكە (يەنى ئالدى بىلەن ئائىلە ئىچىدىكى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىمىز ۋە ئولتۇرۇپ – قوپۇشلىرىمىزنى دەۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجابى نەتىجە قازىنىشقا، ئاندىن ئۇنى جەمئىيەتتىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە) ئەھمىيەت بېرىش.

7 – دەۋەتكە ئالاقىدار ۋە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك كىتاب نەشر قىلىش، ماقالىلار يېزىش. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى پايدىلىق دەپ قارالغان دىنىي كىتابلارنى، تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

8 – مۇھاجىرەتتىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، دىنغا خىلاپ بولمىغان ئۆرپ – ئادەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەشەببۇس قىلىش.

9- نەشىر قىلىنغان پۈتكۈل دىنى كىتابلارنى ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش.

14- دەۋەتچى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۇرس ئېچىش. ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىمام ۋە دەۋەتچى ئەۋەتىش.

15- خەلقنىڭ سەۋىيىسى ۋە پىسخىكىسىغا ئاساسەن ھىكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش، ئۇلارنى قاچۇرۇپ قويماسلىق، زىرىكتۈرمەسلىك، كۆڭلىنى ئۇتۇش، سەبىرچان بولۇش، زامانىۋى تېخنىكا ئۈسكۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ دەۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش. ئائىلىلەردە.  

 

3-تەشۋىقات ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئېلىنغان قارارلار

 

1 – شەرقىي تۈركىستان داۋاسنى ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ – زارىنى،  دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش بۇ ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلىش.

2 – ئىسلام دىنى ھەققىدە، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ھەققىدە دۆلەتلىك ياكى خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندە، يىغىن ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەت ياكى تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇرلار نامىدىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇش، ۋە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش.

3 – ھەرقايسى دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ يولدا ھارماي – تالماي تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش.

4 – شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىغا، يەر كۆلىمىگە، يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە، شۇنداقلا نۇپۇسىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردا بىرلىك ھاسىل قىلىش.

5- خىتاينىڭ بېسىم ۋە ناھەقچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشەنچىلىك ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا ئىگەللەش.

 

تەشۋىقات ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئېلىنغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر:

1 – رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەسىس قىلىش.

2 – شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ جوغراپىيىلىك ئورنىنى، بايلىقىنى، خەلقىنى، دىنىنى، تارىخىنى، مەدىنىيىتىنى، ئۆرپ – ئادىتىنى، قائىدە – يوسۇنلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كىتاب، ژۇرنال ۋە گېزىت نەشر قىلىش.

3 – تەشۋىقات ساھەسىدىكى مەۋجۇت تور بەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈش ۋە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا يېڭى – يېڭى تور سەھىپىلەرنى ئېچىش.

4 – رەسىم ۋە مەدىنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىش. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئېچىش. نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇش. ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىش. ئاۋازلىق ۋە يازما شەكىلدە خەۋەر ھازىرلاش ئۈچۈن مەخسۇس شەخسلەرنى بېكىتىش.

5 – چەتئەل رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار پروگرام ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش.

6 – ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشپ، ۋەتەن ئىچىدە بولىۋاتقان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەرنى، تۇرمىلاردا قىيىن – قىستاققا ئۇچراۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا دۇنيا كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈش.

7 – ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە لېكسىيە بېرىش.

8- تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە ماتىرىياللىرىنى ئۆز ئارا ئورتاقلىشىش. ئۇچۇر تەييارلاشتا تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەمكارلىشىش. تەشۋىقات ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر تىلى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش.

17- خىتاينىڭ يالغان، بۇرمىلانغان تەتۇر تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە قايتۇرۇش.

 

 

4-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا ئېلىنغان قارارلار

1 – ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش. بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئاكتىپ خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن مۇقىم كىرىم مەنبەسى يارىتىش.

3 – چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىشچى – خىزمەتچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگىلىك يارىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىشىگە ھەمدەم بولۇش.

4 – شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ھېسداشلىق قىلىۋاتقان چەتئەللىك جەمئىيەتلەر، تەشكىلاتلار، كارخانىچىلار، شىركەتلەر، بايلار بىلەن ئىزچىل ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.

5- كارىخانىچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆز ئارا تىجارەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق چوڭ شىركەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەمچى بولۇش.

 قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر:

1 – ئىقتىسادىي فوندى قۇرۇش. ئىئانە توپلاش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش.

2 – ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەزالىرىدىن شارائىتقا قارىتا ئايلىق بەدەل پۇلى ئېلىش.

4 – مۇسۇلمان جامائەت مەسئۇللىرى، ئۆلىمالىرى، دۆلەت ئەربابلىرى، تىجارەتچىلىرى ۋە كارخانىچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ماددىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش.

5 – خەير – ساخاۋەت جەمئىيەت ۋە مۇئەسىسىسلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىش.

6 – يېڭى كەلگەن ياكى ئىشسىز قالغانلارنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ھەمكارلىشىش. توي قىلىش يېشىدىكى قىز – ئوغۇللارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشقا (ھەقىقەتەن ئېتىياجلىق بولغان تەقدىردە) ياردەم قىلىش.

8 – كەرمەس (ۋاقىتلىق بازار) ئېچىش ئارقىلىق ئىئانە توپلاش. ھەر خىل ھالال ۋاستىلارنى قوللىنىپ جەمئىيەت ئىقتىسادى مەنبەسنى بەرپا قىلىش.

11 –ھەمكارلىق فوندىغا يىغىلغان مەبلەغنى، كىرىم – چىقىمنى، ئىشلىتىلگەن ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلارنى تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇپ چىقىش. 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button