خەۋەرلەر

قۇربان ھېيت پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوست – قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى

10414656_714642005284921_5544235907136264049_n

قۇربان ھېيت پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوست – قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتتى

قۇربان ھېيىت ئۆز – ئارا خاتالىق ۋە ئاداۋەتنى يۇيۇپ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئىنسانلارنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا تىنچلىققا ئۇندەيدۇ. قۇربان ھېيىت مۇسۇلمانلار ئارسىغا بەركەت، رەھمەت، مەغپىرەت ۋە شەپقەت ئېلىپ كېلىدۇ، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشقا ۋاسىتە بولىدۇ، بۇ يىلىقى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە ياردەم سۈيەر ساخاۋەتچىلەر بىلەن، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىغا دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە مېھرى – شەپقەت ئۇرۇغىنى چاچتى، ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچەيدى.

قۇربان ھېيت بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىلار ئۈچۈن قۇربانلىق تارقاتتى.

تەلەپكە بىنائەن ئى ھا ھا ئىنساني ياردەم فوندى تەرىپىدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن پاكىستان ئۇيغۇر ئۆمەر جەمئىيىتىگە قوي ۋە كالا قۇربانلىق ئىئانە قىلىندى.  ئۇيغۇر ئۆمەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر ئۇيغۇر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: راۋالپىندىدا خىتاينىڭ بېسىمى قالغان بولساقمۇ 300 ئائىلىگە قۇربانلىق تارقىتىلدى. گىلگىتتىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ قۇربانلىق ئېلىشنى رەت قىلدى، شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز گىلگىت شەھىرىدە 50 ئۇيغۇر ئائىلىگە مەخپى ھالدا قۇربانلىق تارقاتتۇق.

ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىن كەلگەن بىرەر كىشى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى ياكى ئۇ يەردىن كەلگەن ياردەمنى قوبۇل قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىىنىڭ سەۋەبى  خىتاينىڭ بېسىمىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىپ پاكىستاندا ياشاۋاتقانغا ئۇزۇن زامان بولسىمۇ ھازىرغىچە خىتاينىڭ بېسىمى ۋە تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقى،  قۇرقۇش ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى. پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار، پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يالغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئورنى ۋە تەسىرى سەۋەبىدىن پاكىستان ئاساسىي قانۇنىي بويىچە ھەر كىم ئەركىن ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئىگە دېيىلگەن بولسىمۇ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە بۇ قانۇن ئاياغ ئاستى قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار ئەركىنلىك، ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا قۇرقۇش ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندى، قۇربانلىق قىلىشتا يارەم قولىنى سۇنغان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىغا ۋە بۇ ئىشقا ۋاسىتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت سارىكۇرت ئەپەندى بىزنىڭ جەمئىيەتكە كېلىپ پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قۇربانلىق ياردەم قىلدى، نەتىجىدە 300 ئائىلىگە قۇربانلىق تارقتىلدى،  بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئى ھا ھا ئىنساني ياردەم فوندىغا ۋە بۇ ياخشى ئىشقا ۋاسىتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا رەھمەت ئېيتىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات ۋە تەتقىقات مەركىزى

 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close