خەۋەرلەر

تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇر ئابدۇللاجان خىتاي تۈرمىسىدا جان بەردى

18 يىل دادىسى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن 21 ياشلىق ئۇيغۇر ئابدۇللا جان تۈركىيىدە ياشاۋاتقان دادىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ چىگىرا ئاتلاپ ۋىتنامغا كېلىدۇ ۋە تۈركىيىدىكى دادىسىغا خەۋەر بېرىدۇ، دادىسى ۋىتنامغا بېرىپ 18 يىلدىن بۇيان ئايرىلىپ كەتكەن ئوغلى ئابدۇللا جان بىلەن ئۇچرىشىدۇ بىر ھەپتە بىرگە تۇرغاندىن كېيىن،  تۈركىيىگە كېتىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ ۋىتنامدىكى ئەلچىخانىدىن يول خېتى ئېلىپ ئايرىدۇرۇمغا كەلگەندە ۋىتنام ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ سومكىلىرىنى ئاختۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن خىتاينىڭ كىملىكى چىقىپ قالىدۇ، بۇنى كۆرگەن ساقچىلار ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىپ خىتاي ئەلچىخانىغا خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنى خىتايغا قايتۇرىۋېتىدۇ.

iskencele oldurulen T C vatandasi Abdullahcan

دادا ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى 18 يىللىق ئايرىلىش ھەسرىتى يەنە باشلىنىدۇ، تۈركىيىدىن ۋىتنامغا كەلگەن دادىسى ئابدۇلمەننان قارىم ئوغلىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمايدۇ، ئارىدىن 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلىنىڭ خىتاينىڭ گۇۋاڭشى ئۆلكىسىدە بىر تۈرمىدە 11 ئايلىق قاماق جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئۆتەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ، ئوغلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇربان ھېيتىنىڭ 3 – كۈنى يەكەندىكى ئائىلىسىگە تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىككى ئايدىن كېيىن جازا مۇددىتىنىڭ توشىدىغانلىقىنى ۋە ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئيېتىقان بولسمۇ ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە تۈرمىدىن تېلېفۇن كېلىپ ئابدۇللانىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، گۇۋاڭشىغا كېلىپ جەسەدىنى ئېلىپ كېتىشنى ئېيتقان.

18 يىل ئايرىلغان ھەسرەتلىك دادا ئوغلىدىن مەڭگۇلۇق ئايرىلغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاب چېكىدۇ، دوستلىرىنىڭ تەسەللىسى بىلەن ھازىرغىچە ھەسرەت ۋە دەرد ئەلەم ئىچىدە ياشىماقتا. مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت، مەغپىرەت تىلەيمىز، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئائىلىسىگە 18 يىل ئوغلىنىڭ ھەسرىتىدە ياشىغان دادىسىغا سەبىرچانلىق ۋە سالامەتلىك، خاتىرجەملىك تىلەيمىز.

ۋەتىنىمىز  شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھەق ئۆلۈم ۋە يوقاپ كېتىش سەۋەبىدىن دەرد – ئەلەم ۋە قايغۇ ئىچىدە ياشاۋاتقان نەچچە مىڭلىغان ئائىلە بار ئەمما بۇلاردىن دۇنيانىڭ خەۋىرى يوق. شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان ئىشغالچى زالىم خىتاي بۇ خىل جىنايەتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەر خىل زۇلۇم قىلىش، بېسىم ئىشلىتىش ۋە كۈچ كۆرستىش ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىغان، زۇلۇمغا قارشى تۇرىۋاتقان، ئائىلىسىنى، مال – مۈلكىنى، پەرزەنتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلىۋاتقان نەچچە مىڭلىغان قەھرىمان ئۇيغۇر خەلقى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇ يولدا جانلىرىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولدى، بەزىلەر بۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ يېتىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ ۋەتەننى ئىپلاس خىتاينىڭ ئاياغ ئاستىدىن تازىلاش، خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش، ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىھاد قىلىۋاتقان ئوغلانلار ھامان بىر كۈنى غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئاللاھ ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغان مەزلۇملارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى ۋە ۋەدىسى بويىچە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارمۇ كۈچ ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق قىلىشى شەرتتۇر.

ئابدۇللاغا ئوخشاش ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلارنىڭ قانلىرى يەردە قالمايدۇ، قان ئۇلۇغدۇر، قېنى تۆكۈلگەن شېھىتلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ، ئالىي ماقامغا ۋە ئالى جەننەتكە ئېرىشىدۇ ، قان تۆكۈلمىگىچە ۋەتەن ئازاد بولمايدۇ، تۆكۈلگەن قانلار ۋەتەن تۇپراقلىرىنى سۇغۇرۇپ دەل – دەرەخ ۋە گۇل – گىيالارنىڭ ئېچىلىشىغا گۈزەللىك، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنشائاللاھ.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close