ئۇنىۋېرسال

خىتاينىڭ تۈرمىسىدە 12 يىل ياتقان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈرمە ھاياتى

يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خىتاينىڭ زۇلۇملىرى دېگەن تېمىدا توختىلىپ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى2011‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەرھۇم بارات ھاجىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى خىتاينىڭ زۇلۇملىرى دېگەن تېمىدا توختىلىپ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى ۋە ئۆزىنىڭ 12 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ۋە تۈرمىدە تارتقان ئازاپ – ئوقۇبەت ۋە قىيىن – قىستاقلارنى، تۈرمىدە كۆزى بىلەن كۆرگەن ناھەقچىلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بەردى.

12 يىل خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقان ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ ياپچان يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۈچ قېتىم خىتاينىڭ تۈرمىسىگە قامالغان بولۇپ دەسلەپكى قېتىمدا 15 ياش ۋاقتىدا 6 يىل تۈرمىدە ياتقان، ئىككىنجى قېتىمدا 3 يىل ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا 3 يىل جەمئىي 12 يىلخىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقان.

ئابدۇقادىر ياپچان دەسلەپكى قېتىم 1973 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى 15 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىبىلەن بىرلىكتە تەشكىلات قۇردى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانكېيىن   ماۋزىدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن جىنايىتى يىنىكلىتىپ 6 يىل ياتقاندىن كېيىن 1979‏- يىلى 10‏-ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىتۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنجى قېتىم 1990 ‏- يىلى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بارىن ئىنقىلابىغا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان بىلەن قارىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 3 يىل تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن 1993‏- يىلى تۈرمىدىن چىققان. شۇ يىلى يەنە قاغىلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن دىنى ئالىم  مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ۋاپات بولغاندا خىتاي دائىرلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى دېگەن جىنايەت بىلەن يەنە قولغائېلىپ 3 يىل تۈرمىگە قامىغان. ئابدۇقادىر ئەپەندى 1997 ‏- يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېين چەتئەلگە قېچىپچىققان. شۇنىڭدىن بىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە مۇھاجىر بولۇپ ياشىماقتا.

ئابدۇقادىر ياپچان ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايغا ئۆچ بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە خىتاينى دۈشمەن دەپ بىلىشكە خىتاينىڭ تۈرمىدىكى بېسىم ۋە زۇلۇملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان زالىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلدى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۇشىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىڭ:

http://www.istiqlaltv.com/itv/korux.php?v=XyRUzU0DDmNWLvX8

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

جاۋاب يېزىش

Back to top button