شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ياردەم چاقىرىقى

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك سىياسىي ، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە قارىتا ئېشىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە قەتلىئاملار سەۋەبىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە قېچىپ چىقماقتا.
يۇقىردا قەيت قىلىنغان تىراگىدىيەلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن جانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋە ھۆر بىر ھايات ياشاش ئۈچۈن ۋەتەنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ۋە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار كامبودژا، ۋېيتنام، تايلاند، ھېندونوزىيە، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ 10 مىڭ كېلىومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىچىدىن ۋەتەندىن چىقىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن بىر قىسمى چېگرىدىن ئۆتىۋاتقاندا چېگرا مۇداپە قىلىش كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇنداقلا بۇ جەرياندا بىرمۇنچە بالىلار ئاچلىق ۋە كېسەلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى.
ئەپسۇسكى بۇ كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى سۇيئىستىمال قىلغان بەزى ئادەم ۋە گۇرۇھلارنىڭ يۇقىردا ديىلگەن دۆلەتلەردە مەسئۇلىيەتسىزچە ۋە ھېچ ئىچ ئاغرىتماستىن نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ بۇ دەرىجىدىكى خەتەرلىك ۋە جاپالىق يوللار ئارقىلىق كۆچۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ چارىسىزلىكى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي ، ئىجتىمائىي ھوقۇقى ھەم بىرمۇنچە تەرەپتىن جاپالىق بىر ھالەتنىڭ شەكىلىنىشى مۇھاجىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا قاتتىق بىئارامچىلىق ، ئەندىشەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
تېخى يېقىنقى يىللار ئىچىدە ھۆر بىر ھايات ياشاش ئۈچۈن ۋەتەنلىرىدىن ئايرلىشقا مەجبۇر بولۇپ، مىيامار، تايلاند ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە پاناھ تىلەپ بارغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۇ دۆلەتلەر خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى ۋە ئۆلۈمىنى ئىجرا قىلدى. بەزىلىرى بولسا ئۈمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى. ھازىر بولسا تايلاندقا پاناھلىق تىلەپ چىققان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر تۈركى خىتايغا تاپشۇرۇلۇپ كېتىلمەسلىك ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۇ ھەقتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ قېرىنداشلارىمىز تۈركىيەگە يېتىپ كىلەر.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلارغا ئىگە چىقىشى ۋە كۆپ تەرەپلەردىن ئەھمىيەت كۆرستىشى بىلەن ھازىرغىچە نەچچە مىڭدەك ئۇيغۇر تۈركىيەگە ساپ- ساغلام يېتىپ كېلىۋالدى. بۇ جەھەتتە ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سەمىمىي خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن پۈتۈن خەلقىمىزگە ۋاكالەتەن ئۇلارغا رەھمەتلىرىمىزنى بىلدۈرۈمىز .
شۇنىسى بۇنچىلىك كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن دۇچ كېلىۋاتقان تۇرالغۇ، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قېيىنچىلىقلىرى ئېغىر بولماقتا. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىز ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ياردەم سۈيەر ئۇيغۇر يۇرتداشلارنىڭ ياردەملىرى بىلەن بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ لېكىن ھازىرقى ئەھۋال بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغىلا تايانغاندا پۈتۈنلەي ھەل بولۇپ كېتىشى مۆمكىن ئەمەسلىكى ئىسپاتلىماقتا. ناۋادا بۇ ئەھۋال ئۈچۈن جىددىي يوسۇندا بىر ھەل قىلىش چارە تېپىلمىغىنىدا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئەھۋالغا دۇچار بولۇشىمىز مۆمكىن. سوغۇق قىش مەۋسۈمىدە ئېنتايىن تەس كۈنلەردە قېلىۋاتقان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرغىدەك يەر، يېمەك – ئىچمەك، ئۆي جابدۇقلىرى ، گېلەم، ئەديال ۋە يوتقان قاتارلىق ئەشيالارغا قاتتىق ئىھتىياجى باردۇر. بۇ سەۋەپتىن كەڭ خەلق ئامىسىنىڭ ، ئامىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە رەسمىي ئورگانلارنىڭ تەس كۈنگە قالغان بۇ مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىھتىياجلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن بۈتكۈل خەلقنى ئەنسارلىق سۈپىتى بىلەن بۇ قېرىنداشلارغا قۇچاق ئېچىشىنى چاقىرىق قىلىمىز. قىلىنغان ياردەملەر ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ كۈزىتىشى ئاستىدا ئېلىپ يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىدۇ. ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلار ھەتتا بۇ مۇھتاج ئائىلىلەرنى بىۋاستە زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
ئالاقىلاشقۇچى ئابدۇكەرىم كۇچار.
ئالاقە تېلىفۇن نومۇرى: 02125232877
فاكىس نومۇرى: 02125232876