41دۆلەت ۋە رايوندىن 1000 نەپەر ئۆسمۈر خوجائېلىدە يۈرۈش قىلدى

41دۆلەت ۋە رايوندىن 1000 نەپەر ئۆسمۈر خوجائېلىدە يۈرۈش قىلدى
خوجائېلى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن 41 دۆلەتتىن 1000 نەپەر ئۆسمۈر خوجائېلى شەھىرىگە جەم بولدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ شەھەر مەركىزىدە يۈرۈش قىلدى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوغۇل -قىز بولۇپ 23 نەپەر ئۆسمۈر قاتناشتى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمىز قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ شەھەر مەركىزىدىكى يۈرۈشكە قاتناشتى. چىمەن دوپپا كانۋاي كۆينەك مىللىي قىياپەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
تۈنۈگۈنكى پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر شېئىر ئوقۇدى، خوجائېلى شەھەر باشلىقى ئىبراھىم قارائوسمان ئۇغلۇغا ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىدىن دوپپا ۋەتون كىيدۈرۈلۈپ ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىپادىلەپ شەرەپ تاختىسى تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز 23 – ئاپرېل كۈنى، خوجائېلى شەھەر باشلىقى، ۋالىيسى قاتناشقان ، ئۆسمۈرلەر تەنتەنىسى چوڭ مۇراسىمىدا شېئىر ئۇقۇپ ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلى كۆرسىتىدۇ، پەرزەنتلىرىمىز ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.