بالىلار ئوقۇشلۇقى «ئېلىپبە » كىتاب يېڭىدىن نەشىر قىلىندى

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئوقۇش، يېزىش ۋە سۆزلەشنى ئۈگىنىش قوللانمىسى بولغان « ئېلىپبە » بالىلار ئوقۇشلۇقى ئىستانبۇلدىكى سوتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن يېڭىدىن نەشىر قىلىندى.

بۇ كىتاب ئەسلىدە 2008 – يىلى تۈنجى قېتىم تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، 2009 – يىلى 2 – نەشرى،  2014 – يىلى 3 – قېتىملىق نەشىرى بېسىلىپ تارقىتىلغان.  ھەر يىلى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتىىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قايتا – قايتا 3 قېتىم نەشىر قىلىندى. بۇ قېتىم 4 – نەشرى 2017 – يىلى 10 – ئايدا يېڭىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

بۇ كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ بىرىنجى قىسىمىدا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى ھەرپلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىش ئاساس قىلىنسا، ئىككىنجى قىسىمىدا ئۇيغۇرچىنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ تىلىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىپ بەزى پايدىلىق ئوقۇشلۇق تېكىستلەر كىرگۈزۈلدى.

كىتابنىڭ بۇ قېتىمقى نەشىرىنى ھازىرلاشتا ئالدىنقى نەشىرلەردىن ئالغان تەجرىبە- ساۋاقلىرىمىزنى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلىرىنى يەكۈنلەپ كىتابقا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزدۇق.

بۇ كىتاب رەڭلىك ۋە ئالى سۈپەتلىك قېلىن قەغەز بىلەن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنمۇ ئاساسەن ئۆسمۈرلەرنىڭ چۈشىنىشى، قولاي ئوقۇشى ئۈچۈن ئاددى ۋە ئىخچام تىللار بىلەن تۈزۈلدى.

پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى ياراملىق قىلىپ يېتىشتۇرۇش شۇنداقلا ئوقۇغان كەسىپلەردە مۇتەخسىس بولۇپ نەتىجە قازىنىشى ھەممىمىزنىڭ ئارزۇسى بۇلغۇنىدەك ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيتى، دىنى ئىتىقادى بىلەن يېتىشتۇرۇش ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا – ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم دىن ھەم پەندە بىلىملىك قىلىپ يېتىشتۈرۈش بىلەن بىرگە تىلىنى راۋان سۆزلەيدىغان ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىنى تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان ئاڭ بىلەن يېتىشتۈرۈش ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا- ئانىنىڭ مەجبۇرىيتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى بۇ جەھەتلەردە تولۇق يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەيلى.

ئابدۇقادىر داموللام دېگەندەك: «بالىلىرىڭلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن تەبىيىلەڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىغان دەۋردە ياشىمايدۇ بالىلار ئۈممەتنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدۇر».

مۇھاجىرەتتىكى  پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى كەڭ ئومۇمىيلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ  بۇ ئىككى قىسىملىق كىتاب ئەڭ ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ. يەنى ئىككى قىسىملىق كىتابنىڭ باھاسى: 10 تۈرك لىراسى.

بۇ كىتاب ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىدا سېتىلىدۇ.

ئادرېسى: Sümer Mahallesi 29/1 Sokak No:2 A, Zeytinburnu İstanbul

ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى: 05343268456

05387207030

 

 

 

 

Exit mobile version