روھى كەيپىيات، پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش ۋە ساغلاملىق

روھى كەيپىيات، پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش ۋە ساغلاملىق
مەمەت ئەمىن
ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە ياكى پىسخىكىلىق دۇنياسى ناھايتى مۈرەككەپ بىر دۇنيا بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتى ۋە ياكى پىسخىكىلىق ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھەر بىر ئىنسان ھەم شەخىسنىڭ ئۆزىگە تەۋە، ھەم ياشاۋاتقان ئىجتىمايى جەمىيەتكە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى بىر تەرەپتىن شۇ ئىنساننىڭ ئۆزگۈچىلىگى ۋە شەخسى ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر بىر ئىنسان ياشاۋاتقان ئىجتىمايى جەمىيەت ۋە ئەتىراپتىكى مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇ جەمىيەتكە تەۋە بولغان ھەر بىر ئىنساننىڭ روھى كەيپىياتىغا ۋە ياكى پىسخىكىلىق ھالىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەزىلەرگە ئاز تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەرگە كۆپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.ب ئەزىلەرگە سەلبى تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بەزىلەرگە ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز ئەتىراپىمىزدا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرگە بولۇپمۇ ئادالەتسىزلىككە ۋە ناھەقچىلىققا نىسبەتەن تامامەن كۆز يۇمالمايمىز، ۋە ئۇلارنى تاممامەن ئاڭلىماس بولالمايمىز. ب ئاشقىلارنىڭ بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەت بىلەن مىنىڭ نىمە ئىشىم بار دىيەلمەيمىز. ھىچ بولمىغاندا بىز سۆيگەن كىشىلەرنىڭ قايغۇ ھەسرىتى ۋە دەرت ئەلەملىرى بىزگە قايغۇ ھەسىرەت ۋە دەرت ئەلەم ئىلىپ كىلىشى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىزگە خوشاللىق ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن.
بىز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن مۇستەملىكەلىق ھايات ۋە ياكى ئۆز ئۆزىمىزگە خوجا بولالماسلىق بىزنىڭ روھى ھالىتىمىزگە ۋە ياكى پىسخىكىلىق خاراكتىرىمىزگە ھەر تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزدا ۋە پىسخىكىمىزدا سەلبى ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلغان بولسا، يىقىندىن بىرى خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان قاتتىق سىياسەت بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى تىخمۇ ئىغىرلاشتۇرماقتا.
چەتەلدە ياشاۋاتقان كۆپۈنچىمىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز ۋە دوست بۇرادەرلىرىمىز بىلەن نورمال ئالاقە قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىندۇق.ب ئەزىلىرىمىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوست بۇرادەرلىرى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ھاياتىنى يىغىۋىلىشتا ۋە تۈرمىلەردە ئۆتكۈزىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.ب ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىزغا ئىغىر تەسىر كۆرسۈتۈپ، بىزنىڭ روھى كەيپىياتىمىزدا بەزى داۋالغۇشلارنى ۋە ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلماقتا.
بەزىلىرىمىز ئۈمۈتسىزلەنسەك، بەزىلىرىمىز گاڭگىراپ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالماقتامىز; بەزىلىرىمىز ”مىنى چاقمىغان ژىلان مىڭ يىل ياشىسۇن“ دەپ جىم بولىۋالساق، سۈكۈت قىلساق، يەنى بەزىلىرىمىز غەزەپلەنمەكتىمىز، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئىش كۆرمەكتىمىز; بەزىلىرىمىز دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن نالە قىلىشىپ، ئۆزىمىزنى كۈچسىز ھىس قىلىشساق، يەنە بەزىلىرىمىز ئۈمۈتۋارلىقىنى يوقاتماي، داۋاملىق ئالدىمىزغا قاراپ ماڭماقتامىز.
ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىز ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان بۇ پاسسىپ روھى كەيپىيات ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر يالغۇز بىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىغا ھىچقانداق پايدىسى يوق بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەكسىنچە بىزنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىمىزغا ئىغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن.
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ئۇلارنىڭ تۈرى، خاراكتىرى ۋە دەرىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاكىتىپ (پازىتىپ) كەيپىيات ۋە ئىجابى روھ بىزگە ئۈمۈت بىغىشلاپ، بىزنىڭ ساغلام ياشىشىمىز ئۈچۈن ئاكىتىپ رول ئوينايدىغان بولسا، پاسسىپ ۋە سەلبى كەيپىيات بىزگە ئۈمۈتسىزلىك، چۈشكۈنلىك ئىلىپ كىلىپ، بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا پاسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ تۈرلىرى
ئىنسانلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئاكىتىپ، ئۈچ پاسىپ كاتىگورىيەلەرگە ۋە ھەر بىر كاتىگويەنى يەنە بىر نەچچە كىچىك تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
1. قايغۇلۇق / ھەسىرەتلىك
(1) خىجىل بولۇش، ئوڭايسىزلىنىش;
(2) ئۆزىنى ئەيىپلەش، پۇشايمانلىق، گۇناكارلىق;
(3) يالغۇزلۇق ھىس قىلىش;
(4) كەمسىتىلىش، چەتكە قىقىلىش;
(5) زىرىكىش، ئىچى پۇشۇش;
(6) ھارغىنلىق ھىس قىلىش;
(7) چۈشكۈنلىك;
2. نەپىرەتلىك / تەھدىتلىك
(1) ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش;
(2) شەخسىيەتچىلىك، مەغرۇرلۇق، چوڭچۇلۇق;
(3) ھەسسەت قىلىش، كۆرەلمەسلىك;
(4) رەنجىتىش، ئازار بىرىش، ھاقارەتلەش;
(5) ئۆچمەنلىك، ئۆچ ئىلىش;
(6) دۈشمەنلىشىش، قارشىلىشىش;
(7) تەھدىت قىلىش، خەۋەپ يەتكۈزۈش;
3. قورقۇشلۇق / ئەندىشەلىك
(1) گاڭگىراش، نىمە قىلارىنى بىلەلمەسلىك;
(2) رەت قىلىش، رىياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش;
(3) بىچارەلىك، تايانچىسىز ھىس قىلىش;
(4) بوي سۇنۇش، ياۋاشلاش;
(5) ئىشەنچىسىزلىك، ئۈمۈتسىزلىك;
(6) گۇمانخورلۇق، ئىشەنمەسلىك;
(6) ئەندىشە قىلىش، تەشۋىش قىلىش، غەمكىنلى، پەرىشانلىق;
4. خوشاللىق / روھلۇق
(1) ھاياجانلىنىش، خوش بولۇش، كۈلۈش;
(2) ھوزۇرلۇق، راھەتلىك;
(3) روخلۇق، جانلىق، تىتىك;
(4) يۇمۇرلۇق، چاقچاقلىق;
(5) تەسەۋۇرغا باي، ئىجاتكارلىق;
(6) ئۈمۈتۋار، ئىجابى، پازىتىپ;
5. سۆيگۈ / مۇلايىملىق
(1) قاناەتلىك، مەمنۇنلۇق;
(2) مىننەتدارلىق، رازىلىق;
(3) ئازادە، سالماقلىق;
(4) مىھرىبانلىق، كۆڭلى يۇمشاقلىق، ھىسىداشلىق;
(5) سەمىمى، راسچىلىق;
(6) يىقىملىق، كۆيۈمچانلىق;
(7) كەمتەرلىك، كىچىك پىللىق;
(8) ئوچۇق چىرايلىق، دوستلۇق;
6. قورقماس / كۈچلۈك
(1) ئىشەنچلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش;
(2) مەرتىۋىلىك، نوپۇزلۇق;
(3) قىممەتلىك، ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر;
(4) غۇرۇرلۇق، مەرتلىك، ھەققانىيەتلىك;
(5) شان شەرەپلىك، مۇھاپىقىيەتلىك، پەخىرلىك;
(6) بىلىملىك، ئۇقۇمۇشلۇق;
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىدۇكى، ھىچقانداق بىر نەرسە مۇتلەق بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئاكىتىپ روھى ھالەت بىلەن پاسىپ روھى ھالەتمۇ مۇتلەق ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.ب ئەزىدە ئۇلار ئارىسىدا ئورۇن ئالمىشىش بولىدۇ ۋە ياكى ئەكسىچە رول ئوينايدۇ.
چەكتىن ئاشقان ئۆزىگە ئىشىنىش، مەغرۇرلىنىش، باشقىلارنى كەمسىتىش ۋە بىخەستەلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شان شەرەپلىك، پەخىرلىك تۇيغۇ نورمالدىن ئاشقاندا شۆھرەتپەرەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەرتىۋىلىك، ھوقۇقلۇق تۇيغۇ چەكتىن ئاشقاندا شەخسىيەتچىلىك، ھوقۇقپەرەسلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاناەت قىلىش چەكتىن ئاشقاندا ئالغا ئىنتىلمەسلىك، سۈكۈت قىلىش ۋە ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمۇش كىلىپ چىقىدۇ.
ئەندىشە قىلىش مۇۋاپىق بولغاندا، ئىشلارنى ئەتىراپلىق پىلان قىلغىلى ۋە مەغلۇبىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كەمسىتىلىش، كۆزگە ئىلىنماسلىق بەزىدە ئادەمنى مۇۋاپىقىيەتكە باشلاپ بارىدۇ. پۇشايمان قىلىش ئىنسانى قايتىدىن ئادەم بولۇشقا باشلايدۇ. يالغۇزلۇق ۋە تايانچىسىزلىق بەزىدە ئىساننى ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان، باشقىلاردىن ئۈمۈت كۈتمەيدىغان ۋە مۇستەققىل ياشايدىغان قىلىپ يىتىلدۈرىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ ئاكىتىپ روھى كەيپىياتىنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرلىرى
1. كۈلۈمسىرەش ۋە يۇمۇرلۇق كەيپىيات بىزنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.
2. كۈلۈش بەدىنىمىزدىكى بەزى ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرنى غىدىقلاپ، بەدەنننىڭ ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىشىنى ياخشىلايدۇ ۋە بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
3. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات يۇقۇرى قان بىسىمىغا گىرىپتار بولۇشتىن ياكى قان بىسىمى يۇقۇرلاپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
4. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ دىيابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
5. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ ئۇيقىسىنى ياخشىلايدۇ.
6. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كىسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىمالىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
7. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنى مۇھاپىقىياتكە يىتەكلەيدۇ.
8. ئاكىتىپ روھى كەيپىيات ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىنى ياخشىلايدۇ، ئۆمۈرىنى ئۇزارتىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ پاسسىپ روھى كەيپىياتىنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان سەلبى تەسىرلىرى
1.ب ئەزى ھورمۇن ئاجىرتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرگە تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەزى ھورمۇنلارنىڭ ئاجىرتىپ چىقىرىشىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ ئىمىيۇنۇت كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ.
2. يۈرەك رىتىمىنى قالايمىقان قىلىدۇ.
3. قان بىسىمىنى يۇقۇرى كۆتۇرىدۇ.
4. ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
5. ئاش قازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرشى مۈمكىن.
6. يۈرەك قان تومۇر كىسەللىلكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ قوزغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن روھى كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
ب ئىز يۈزلىنىۋاتقان پاسسىپ روھى كەيپىياتلار
بىز دۇچ كىلىۋاتقان قاتتىق سىياسەت، ۋەتەن ئىچى، سىرتىدا يۈز بىرىۋاقان ھەر خىل ۋەقەلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە ناھەقچىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتىغا سەلبى تەسىر كۆرسۈتۈپ، بەزىلىرىمىزدە ھەر خىل پاسسىپ روھى كەيپىيات پەيدا قىلماقتا. ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئەندىشە قىلىش، تەشۋىش قىلىش، غەمكىنلىك، پەرىشان بولۇش ۋە روھى چۈشكۈنلۈك;
2. گاڭگىراش، تەمتىرەش، كىمگە ئىشىنىشنى ۋە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قىلىش;
3. ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش، ئۈمۈتسىزلىنىش، ۋە ئۆز ئارا گۇمان قىلىش;
4. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، ۋە ھىسىياتىغا تايىنىپ باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئارقىلىق، ئۆزىنى قورۇقماس كۆرسۈتۈپ، روھى دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ۋە ئۆزىدە روھى تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش;
5. ئۆچمەنلىك قىلىش، ئۆچ ئىلىش، قارشىلىشىش;
6. رەت قىلىش، رىياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش;
7. شەخسىيەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتنىڭ ئۆز بىشىغا كەلمىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇش، ۋە ياكى ئۆز بىشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتنىڭ باشقىلارنىڭ بىشىغا كەلمىگەنلىكىگە ھەسسەت قىلىش ۋە ياكى كۆرەلمەسلىك;
8. رەنجىتىش، ئازار بىرىش، ھاقارەتلەش;
9. ب ئىچارىلىق، تايانچىسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق ھىس قىلىش; نىمە قىلساق پايدىسى يوق دەپ قاراش;
10. ب ئوي سۇنۇش، سۈكۈت قىلىش;
11. مەنمەنلىك، شوھرەت پەرەسلىك;
12. خوشامەتلىك، ساتقىنلىق;
بىزدە پەيدا بولىۋاتقان سەلبى پىسىخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر
ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ياكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر تارىختىن بىرى، ھەممە مىللەت ئارىسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋە ئوخشىمىغان شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە بولسىمۇ، بىراق يىقىنقى زامان’غا كەلگەندە ساناەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنسانلاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۈنسايىن ئومۇملىشىۋاتقان ۋە ئىنسانلارنىڭ دىقىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.
ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالمىغان يەنى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىشغا ۋە ياكى باشقۇرۇشىغا قالغان مىللەت ۋە خەلقلەردە، بارلىق ئىنسانلاردا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت بولغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە بەزى بىر ئۆزگىچە بولغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. ئۇلاردىن بىرى ئۆزىدىن چىققان باشلىققا ئىتاەت قىلماسلىق، ئۆزدىن چىققان باشلىق ئۈستىدىن ھۆكۈمىران ئورۇندىكى مىللەتتىن چىققان باشلىققا شىكايەت قىلىش ئىكەن.ب ئۇ خىل خۇسۇسىيەت ۋە مىجەز بىزدە بارمۇ يوق، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم.ب ئىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگەن مۇستەملىكىلىك ھايات، بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا زور بىر ئۆزگۈرۈىشلەرنى پەيدا قىلغىنى ھەممىمىزگە ئايان.
مەن تۆۋەندە بىزنىڭ پىسخىكىمىزدا يۈز بەرگەن بەزى سەلبى ئۆزگۈرۈشلەر توغۇرسىدا ئۆزەم بىلگەن، كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلىرىمنى يىزىپ، دوستلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. گەرچە مەن تۆۋەندىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر بىزدە كەڭ داھىردە ئومۇملاشقان مەسىلە دىيەلمىسەممۇ، بىراق كەم دىگەندە بىر قىسىم ئىنسانلىرىمىز ئارىسىدا كۈنسايىن ئىغىرلىشىۋاتقان مەسىلىلەر دەپ قارايمەن.
1. ”مىنى چاقمىغان ژىلان مىڭ يىل ياشىسۇن“ پىسخىكىسى.ب ئۇ شەخسىيەتچىللىك، ئۆچمەنلىك ۋە ئەندىشە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سەلبى پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى يۈز بىرىۋاتقان ناھەقچىلىققا كۆز يۇمۇش، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىش، ۋە ياكى ئۇلارنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراش. ب ئاشقىلارنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان بالايى ئاپەتلەرنى، ناھەقچىلىكلەرنى ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى ئۇ كىشىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن، مەدىنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، دۆتلىكىدىن ۋە ياكى ئۆز ھەق ھوقۇقىنى قوغدىيالماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان دەپ قاراش.
2. ”ۆگزىگە چىقىۋىلىپ ئىتتىن قورۇقماسلىق“ پىسخىكىسى: بۇ شەخسىيەتچىلىك، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولماسلىق، ئەندىشە قىلىش ۋە ئۆز ئۆزىنى قاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى پەردە كەينىگە ئۆتىۋىلىپ، باشقىلارنى ئوتقا ئىتتىرىش، ئىسمى جىسمىنى قوللانماي، رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ”قۇرۇق شۇار“ توۋىلاش، ھىسىياتىغا تايىنىش، ئۆزىنى نامسىز ”قەھرىمان“ ۋە ”مىللەتچى“ قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇش، باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆزىدە روھى قاناەت ھاسىل قىلىش.
3. ھەددىدىن زىيادە ئىھتىياتچانلىق پىسخىكىسى: بۇ ئاسالىقى ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى “تۇخۇم بىلەن تاشنى تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ”، “بىز دىگەن ئاجىز، ئۇلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ”، ”مەن ھازىرچە جىم تۇراي، ئاتا ئانام يۇرتتا دى“، ”مەن ھازىرچە جىم تۇراي، ئاتا ئانام ياشىنىپ قالدى“، ”مەن سىياسەتكە ئارىلاشماي تۇراي، ئۆيدىكىلەرگە گەپ كىلىپ قالمىسۇن“ دىگەندەكلەردىن ئىبارەت. ھەتتا بەزى بىر غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە 10، 20 يىل ياشاپ كەلگەن، ۋە غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ۋەتەنداش بولغانلارمۇ مەيلى فاسەبووك بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا بولسۇن، ئۆز ئىسمى جىسمى بىلەن ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشقا پىتىنالمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.ب ئەزىلەر ھەتتا ۋھاتساپپ گۇرپىلىرىغا ئوخشاش يىپىق گۇرپىلارغىمۇ قاتنىشىشتىن، ۋە ئۇ يەردە ئۆز كۆز قاراش ۋە پىكىرلىرىنى ئوتۇرغا قويۇشتىنمۇ ئەندىشە قىلىشىدۇ.ب ئەزىلەر خۇددى خىتتاي ھۆكىمىتىنىڭ كۆز قۇلاقلىرى ھەممە يەردە باردەك، ھەممە يەردە، ھەر زامان ھەممە ئادەمنى كۆرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئاڭلاپ تۇرىدىغاندەك ئەندىشە قىلىشىدۇ. ئۆزلىرى ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇرسىمۇ، بىراق پۇتۇن روھى دۇنياسى ۋە ۋۇجۇدى يەنىلا قەپەز چىدە.
4. ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك ۋە گۇمانخورلۇق پىسخىكىسى: مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، بىزدە بىر ئاز ئومۇملاشقان يەنە بىر پىسخىكىلىق مەسىلە، بىر بىرىمىزگە ئىشەنمەسلىك ۋە ھەممە ئىشقا گۇمان بىلەن قاراش بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئەندىشە قىلىش، تەشۋىش قىلىش، ئىشەنچىسىزلىك، گۇمان قىلىش، گاڭگىراش، قورقۇش، يالغۇزلۇق ھىس قىلىش قاتارلىق روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈشتۇر.ب ئىز ئەگەر ئەتىراپىمىزغا دىققەت قىلساق، ”پالانى ۋەتەن’گە بىرىپ ساق سالامەت قايتىپ كەپتۇ، پالانىغا ۋىزا بىرىپتۇ ، باشقىلارغا بەرمىگەن ۋىزىنى نىمىشقا ئۇنىڭغا بىرىدۇ، بىز بارالمىغان ۋەتە’گە نىمىشقا ئۇ ساق سالامەت بىرىپ قايتىپ كىلەلەيدۇ، ئۇنىڭدا چوقۇم مەسىلە بار، بەلكىم ئۇ خايىن، ياكى ئىشپىيۇن“ دەپ قارايدىغانلارنى ئاز تولا ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز.
بۇ خىل شەخسى ھىسىياتقا تايىنىپ باشقىلاردىن گۇمان قىلىدىغان ۋە ياكى ھىسياتقا تايىنىپ باشقىلارغا ئىسپاتسىز قارا چاپلايدىغان، ۋە باشقىلارغا قالايمىقان باھا بىرىدىغان ئىشلارغا كۆپۈنچىمىز يولۇققان ۋە ياكى بۇنداق ئەھۋاللارنى بىشىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ باققان. ب ئۇ دەل ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشتىكى بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك، گۇمانخورلۇق پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئىتىپاقلىقنى بۇزۇپ، ئىنسانسانلارنى بىر بىرىدىن پارچىلاپ، كۈچسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ كونتۇرۇل قىلىش تاكتىكىسىنىڭ نەتىجىسى.
5. ”ۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش“ پىسىخىكىسى: ئارىمىزدا ”ەزەلدىن گۈرۈچ يۇيۇپ باقماي، سەۋزىنى يۇيۇپ ئادالاپ توغۇراپ باقماي، ئوچاققا ئوت يىقىپ باقماي، پولۇنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان، ۋە ياكى قوسىقى ئاچقاندا نىمىشقا پولۇ تىخىچە پىشمايدۇ دەپ ۋاقىراپ قويىدىغان“ ئىنسانلار مەۋجۇت.ب ئىزنىڭ بۇ خىل پىسخىكىمىز شەخسىيەتچىللىك ، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك قاتارلىق كۆپ خىل بىنورمال روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان. ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى داھىم ئۈمۈتنى مەلۇم شەخىس، تەشكىلات، ۋە ياكى دۆۋلەتلەرگە باغلاپ، ئىشلار ئۈمۈت قىلغاندەك بولمىغاندا داھىم باشقىلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، ھەممە ئىشتا مەسۇليەتنى باشقىلاردىن ئىزدەش، ۋە باشقىلارنى تەنقىتلەش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.
6. ئۈمۈتسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك پىسىخىكىسى: بىز يىنىمىزدىكى بەزى كىشىلەردىن ”باشقىلارغا كەلگەن ئامەت نىمىشقا بىزگە كەلمەيدۇ؟“، ”بىزنىڭ تەلىمىز نىمىشقا بۇنداق تەتۈر؟“، ”بۇ دۇنيا نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئادالەتسىز؟“ دىگەندەك شىكايەتلەرنى ئاڭلايمىز.ب ئۇ رىياللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ۋە ھەددىدىن زىيادە ئۈمۈتۋارلىق ياكى داھىم باشقىلاردىن ئۈمۈت كۈتۈش، ۋە ئاخىردا ئىشلار كۈتكەن يەردىن چىقمىغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان روھى كەيپىيات بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر ئاز ئومۇملىشىۋاتقان بىر خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى داھىم ھەسىرەت چىكىش، ئۇھ تارتىش، ئۆزىنى تاشلىۋىتىش، تىرىشماسلىق، ئىشى پۇشقىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ھاراق ئىچىش، كەيىپ ساپا قىلىش، ھەتتا زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ئارقىلىق چىقىرىش، ”بەرى بىر نىمە قىلساق پايدىسى يوق“ دەپ قاراش قارتارلىقلار .
7. تەلۋىلىك ۋە ئۆچمەنلىك پىسخىكىسى: بۇ ئۈمۈتسىزلىكتىن كىلىپ چىققان يەنە بىر پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى، قارىسىغا ئۆچ ئىلىش، ئۆزىگە تەۋە بولمىغانلارنى، ھەتتا ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن ۋە ئۆزىگە ئاسىلىق قىلغان ساتقىن كۆرۈش، ئۇلارنى ھاقارەتلەش، ئۇلاردىن ئۆچ ئىلىش، ھەتتا ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
8.ب ئاشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەش ۋە باشقىلارنىڭ كۆلەڭگۈسىدە ياشاش پىسخىكىسى: بۇ ئاساسلىقى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەم بولۇش، قورقۇش، ئەندىشە قىلىش، بىچارەلىك، غۇرۇرسۇزلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنسەپپەرەسلىك قاتارلىق روھى ھالەتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىققان پىسخىلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش بولۇپ، ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى داماملىق باشقىلارغا خوشامەت قىلىش، كۈچلۈكتىن قورقۇش ۋە ياۋاشنى بوزەك قىلىش، ئادالەتسىزلىككە كۆز يۇمۇش، ئىنىق مەيدانى ۋە پىرىنسىپى بولماسىلىق، كىمنىڭ قىشىغا بارسا شۇنىڭ ”تىلىدا“ سۆزلەش.
9. سەمىمىيەتسىزلىك ۋە يالغانچىلىق پىسخىكىسى: نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم ئارىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان سەمىمىيەتسىزلىكنى، كاززاپلىقنى ۋە يالغانچىلىقنى جەمىيەت تەرەققىياتنىڭ مۇقەرەر نەتىجىسى دەپ قارىشى مۈمكىن.ب ئۇ پەقەتلا ئەخلاق پەزىلەت ئۆلچىمى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، سەمىمى ئەھدى ئىتىقادى بولمىغان، بىر قىسىم دۆۋلەتلەردە ئومۇملاشقان مەسىلە بولۇپ، ئەمىلىيەتتە ھەممىمىز كۆرەۋاتقاندەك كۆپلىگەن تەرەققى قىلغان دىموككىراتىك دۆۋلەتلەردە ۋە ھەقىقى ئىتىقادى بار كىشىلەر ئارىسىدا سەمىمىيەتلىك ۋە راستچىللىق يەنىلا ئاساسى ئىقىمنى تەشكىل قىلىدۇ.
بىز يۈزلىنىۋاتقان پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
بۇ ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاددى بىر جاۋاپ ۋە ياكى ھەممىگە ماس كىلىدىغان فومۇلالاشقان ئۇنىۋىرسال بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلى يوق. مەن دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك ئىنسانلارنىڭ روھى دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەر كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپ بىر جەريان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە يۈز بەرگەن پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشمۇ ناھايتى مۈرەككەپ بىر جەريان.
ئىنسان، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتە ساغلام بولغاندا ئاندىن ئۈمۈت قىلغان ئارزۇ ئىستەكلىرىگە يىتەلەيدۇ. روھى جەھەتتە ساغلام بولۇشنىڭ ئاساسى ئاكىتىپ (پازىتىپ) روھى كەيپىيات. ئىنسان ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، پەرىشان بولۇش، قايغۇرۇش، شىكايەت قىلىش، چۈشكۈنلىشىش، ئۈمۈتسىزلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يالغۇز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلالماي قالماستىن، بەلكى ئەكسىنچە كۈندۈلۈك تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتكە تەسىر يىتىشى، ھەم شۇنداقلا تىخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگە يۈزلىنىشى، ھەتتا ئىغىر دەرىجىدە روھى مەسىلىگە دۇچ كىلىشى ۋە ياكى روھى كىسەلگە گىرىپتار بولۇشى مۈمكىن. مۇنداچە ئەيىتقاندا پاسسىپ كەيپىيات مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس.
ئۇيغۇرلار توپ ياشاشقا ئادەتلە’گەن، باردى كەلدى قىلىشقا، ناخشا ئۇسۇلغا ۋە كۆڭەل ئىچىشقا ئامراق، خۇشخۇي ۋە كۈلكە چاقچاقچى، شۈكىرى قاناەت قىلىشقا ماھىل بىر مىللەت. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەر خىل ئىغىر دەرىجىدىكى روھى كىسەللىك ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن تۆۋەن.
تۆۋەندىكى خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلغان 14 دۆۋلەتتىكى ھەر خىل روھى مەسىلىسى بارلارنىڭ پۈتۈن نوپۇس ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى. ھەر خىل روھى مەسىلىلەر ئەڭ كۆپ بولغان دۆۋلەت ئامىركا (26.4%)، ھەر خىل روھى مەسىلىلەر ئەڭ تۆۋەن بولغان دۆۋلەت نىگىرىيە (4.7%);
ئامىركا گەرچە ئەڭ تەرەققى قىلغان ئەركىن دۆۋلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئامىركا ھەر خىل روھى مەسىلىسى بارلارنىڭ نىسبىتى دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى بولغان دۆۋلەتنىڭ بىرى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلان’غاندا ئامىركىدا ھەرخىل روھى مەسىلىسى بارلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ 26.4% نى ئىگەللەيدىكەن. تەخمىنەن 16 مىلىيۇن ئامىركىلىق چۈشكۈنلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىكەن.
ياپۇنىيەمۇ ئوخشاشلا دۇنيادا ئەڭ تەرەققى قىلغان باي دۆۋلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ياپۇنىيە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى بولغان دۆۋلەتلەرنىڭ بىرى. نىسبەتەن ئەيىتقاندا بىر قىسىم كەمبىغەل ياكى ئۇزۇن مۇددەت تەببىي ئاپەت ۋە ئۇرۇش بولاۋاتقان دۆۋلەتلەردە ئەكسىنچە ھەر خىل روھى كىسەللىكلەرنىڭ نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن.
دىمەكچىمەنكى ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل روھى كىسەللىك ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە گىراپتار بولۇشى، يوقسۇزلۇق ۋە ھەر خىل بالايى ئاپەتلەر بىلەن پۈتۈلەي ئوڭ تاناسىپ بولىشى ناتايىن.
بىر ئىنساننىڭ ئارتۇقچىلىقى، ھەرگۈزمۇ ئۇ ئىنساننىڭ نىمە ئىش قىلالىشى بىلەن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەكسىنچە ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىقنى يىڭىپ، ئەسلى قىلالىشىم مۈمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلانى قىلالىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا بىزدە ”يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار.
روھى كىسەللىك بولسا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بىردىن بىر كىسەللىكتۇر.ب ئىز ھەرقانداق كىسەللىككە گىرىپتار بولغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ كىسەل بولغانلىقىمىزنى ئىنكار قىلمايمىز، ئەكسىنچە ئۇنى ئىتىراپ قىلىمىز ۋە شۇ سەۋەپتىن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ئۆزىمىز گىرىپتار بولغان كىسەلگە نىسبەتەن ئاكىتىپ داۋالاش ئىلىپ بارىمىز.ب ئىراق بىز روھى كىسەلگە گىرىپتار بولغاندا ۋە ياكى پىسخىكىمىزدىن چاتاق چىققاندا، بىز ئۇنى ھەرگۈز ئىتىراپ قىلمايمىز، ۋە شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاكىتىپ چارە تەببىر قوللانمايمىز، ۋە داۋالاش ئىلىپ بارمايمىز.ب ئۇ دەل پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ۋە روھى كىسەللىكنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر سەۋەپ.
ئۆزىمىزدە بار بولغان روھى ۋە پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىتىراپ قىلىش، ئۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچىدۇر.
ئەگەر بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان روھى مەسىلىلەر ۋە ئۆزىمىزدىكى پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن بىز چوقۇم ئۇنى تونۇپ يىتىشىمىز، ئۇنى تولۇق چۈشىنىشىمىز كىرەك; باشقىلارنىڭ دەپىغا ئۇسۇل ئوينىماسلىقىمىز، ۋە باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز كىرەك; بىز چوقۇم ئۈمۈتۋار بولىشىمىز، ئاكىتىپ تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنى يىتىلدۈرىشىمىز، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بىزنى راھەتسىز قىلغان بەزى ئىشلارنى ۋاختىنچە ئۇنتۇپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قىززىققان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشىمىز، ھەممە نەرسىگە گۇمان بىلەن قاراشتىن ۋاز كىچىپ، ئەتىراپىمىزدىكى ئىنسانلار بىلەن باردى كەلدى قىلىشىمىز، يىقىن دوستلىرىمىز ۋە ياكى بىز ئىشەن’گەن كىشىلەر بىلەن سىردىشىشىمىز، ۋە ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىچىمىزنى بوشىتىشىمىز كىرەك.
كونىلار ”جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان“ دىگەن ئىكەن. ئۆلمىگەن تەندە چوقۇم ئۈمۈت بار; بۇغداي، گۈرۈچ بولسا چوقۇم ئۇنى پۇشۇرغىدەك قازان تىپىلىدۇ.
ئۇلۇغ مۇتىپەككۇر ۋە دۆۋلەت باشقۇرغۇچى ئەرباپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ىنسان ھايات بولسا، تىلىكىگە يىتىدۇر، تىلەككە يىتىش ئۈچۈن ھاياتلىق بىر سەرمايىدۇر. ھاياتلىقنى تىلە، ئارزۇنى تىلىمە، ئارزۇغا يىتىش ئۈچۈن ھاياتلىق يۆلەكتۇر“.
ۋىكىلىكنى بەرپا قىلغۇچى جۇلىان ئاسساڭە مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەر قىتىم بىز ئادالەتسىزلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىرەر ئىش قىلمىغىنىمىزدا، بىز ئۆزىمىزنىڭ خارەكتىرىنى پاسسىپ قىلىپ يىتىلدۈرۈپ چىقىمىز، نەتىجىدە ئۆزىمىزنى ۋە بىز سۆيگەن كىشىلەرنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويىمىز“.
ئامىركىلق خىرىستىيان لىدىرى دوۇگلاس ھورتون مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەركەت قىلىش قورقۇنجىنى يوق قىلىدۇ، جىم تۇرۇش (سۈكۈت قىلىش) قورقۇنجىلىق پەيدا قىلىدۇ“.
نەمەلۇم بىر شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”دۇنيا يامان كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىقى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ياخشى كىشىلەرنىڭ (ادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىققا ۋە زوراۋانلىققا) سۈكۈت قىلىشى بىلەن تىخىمۇ كۆپ بەدەل تولەيدۇ“.
مارتىن لۇتھەر كىڭ مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەرقانداق يەردىكى ئادالەتسىزلىك ھەممە يەردىكى ئادالەت ئۈچۈن بىر تەھدىتتۇر“.
ئالبەرت ئەىنستەىن مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”دۇنيا رەزىل كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى كىشىلەرنىڭ رەزىللىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھىچ ئىش قىلماسلىقى سەۋەبىدىن خەتەرلىكتۇر“.
ئامىركىلىق سىياسەتچى تھوماس ۋوودروۋ ۋىلسون مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”سەن كەلگۈسىڭنىڭ قانداق بولۇشىدىن قورۇقمايسەن، بەلكى ئۆتمۇشىڭدىكى قاباھەتنىڭ سىنى چىرمىۋىلىشىدىن قورقايسەن”.
تەال سۋان مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”بىز بىلمىگەن نەرسىلەردىن قورۇقمايمىز، بىز پەقەت ئۆزىمىز بىلىمىز دەپ قارىغان نەمەلۇم نەرسىلەردىن قورقىمىز.“
روبىن شارما مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”قورقۇنۇچنىڭ ئەڭ گۈزەل يىرى، سەن ئۇنىڭغا ئۈسسۈپ كىرگىنىڭدە، ئۇ سىنىڭدىن قىچىپ كىتىدۇ“.
جاسك سانفىەلد مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”سەن ئىرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسە قورقۇنجىنىڭ قارشى تەرىپىدە“، يەنى سەن ئۇنىڭغا ئىرىشمەكچى بولساڭ، چوقۇم قورقۇنجىنى بۆسۈپ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈشىڭ كىرەك.
ماري فەرگۇسون مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ھەر بىر قورقۇنۇچىنىڭ قارشى تەرىپىنىڭ ھۆرلۈك ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز“
ۋىللىام شاكەسپەارە مۇنداق دىگەن ئىكەن، “بىزنى خايىن قىلغان بىزنىڭ ھەركىتىمىز ئەمەس، بەلكى بىزدىكى قورقۇنجا”.
بىرسى چۈشكۈنلۈككە مۇنداق تەرىپ بەرگەن ئىكەن، “چۈشكۇنلۈك دىمەك بەدەنىڭ ياشاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى بىلەن روھنىڭ ئۆلۈشى ئارىسىدىكى ھايات دىمەكتۇر”.
يەنە بىر نەمەلۇم شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، “ۈمۈتسىزلىك ۋە ياكى كەلگۈسىگە ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇش دىمەك ئاستا ئاستا ئۆلۈش دىمەكتۇر”.
بەزى ئىشلارنىڭ ھازىر يۈز بەرمەسلىكى ھەرگۈزمۇ ئۇنىڭ مەڭگۈ يۈز بەرمەسلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.ب ئەزى ئىشلارنىڭ ھازىر يۈز بىرىشى، ئۇنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
دۇنيادا قورقۇنجىدىن كۈچلۈك بولغان بىردىن بىر نەرسە ئۈمۈتتۇر. ئەگەر بىز ئۈمۈتنى ساقلاپ قالساق، ئۈمۈت بىزنى ساقلاپ قالىدۇ.
ئۈمۈت دىگىنىمىز، بىز ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلغاندا قىپ قالغان بىردىن بىر نەرسە. ئەگەر بىزدە ئۈمۈت بولسا ھەممە نەرسىمىز بولىدۇ، ئەگەر بىز ئەڭ ئاخىرقى نەرسىمىز بولغان ئۈمۈتنى يوقاتساق ھەر شەيىمىزنى يوقىتىمىز.
دەسموند تۇتۇ مۇنداق دىگەن ئىكەن ”ۈمۈت – ھەممە يەرنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا كۆرگەن بىر تال چىراق”.