5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن كىتاپ نەشىر قىلىندى

5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان دېگەن كىتاپ ئەنقەرەدە نەشىر قىلىندى.بۇ كىتاپنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرىستېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە پاكولتىتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئەركىن ئەمەت يازغان.
بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تارىخلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتاپنىڭ باش قىمسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئەسىردە قانداق دۆلەت قۇرغانلىقى قاچاندىن باشلاپ مۇستەقىل ياشاپ كەلگەنلىكى قايسى يىلى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچۇرىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ئازادلىق ئۇرۇش – قوزغىلاڭلىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا تەپسلى توختالغان.
كىتاپنىڭ كىيىنكى قىسىمىدا، 2009 _ يىلى 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە ئۇ ۋەقەنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى شۇنداقلا، ئىسلام ئەللىرى، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان پوزىتىيىسى ۋە ئىنكاسلىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان مەيدانى ۋە باياناتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئاپتۇر، « 5_ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە، بۇ كىتاپنىڭ 2000 _ يىللاردىن باشلاپ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە يېزىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئاپتۇر يەنە بۇ كىتاپنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: مەنىۋىي مەسئۇلىيەت، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشۇم، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىنى بىۋاستە ھېس قىلغان بولۇشتىن كېلىپ چىققان چوڭقۇر ئىشەنچ بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقىشقا تۈرتكە بولدى.
ئاپتۇر كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە يەنە مۇنداق يازغان: ياقۇپ بەگ 1877 _ يىلى ماي ئېيىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1863 _ يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان بەدۆلەت يىقىلدى. خىتايلار بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ زور قوشۇن باشلاپ كېلىپ 1878 _ يىلى 16 _ مايدا شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالدى. بىر مەزگىل زوزۇڭتاڭ قۇماندانلىقىدىكى ئارمىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان 1884 _ يىلى 18 _ نويابىر خىتاي ئىمپېراتۇرلۇقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتاينىڭ 19 _ ئۆلكىسى سۈپىتىدە شىنجاڭ «يېڭى زېمىن» دېگەن نامىدا بىۋاستە خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىردى. ئۇ كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ كىچىك بولۇپ جەمئىىي 200 ئەتراپىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. 3 قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. تۇلىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ تارىخىي ۋەقەلەر دۇنيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئايدىڭلاشمىدى. 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەلەر ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ تەسىرى يوقىرى ۋەقەلەردىن بىر بولۇپ، دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قانلىق ۋەقەگە تۇتقان پوزىتىيەسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ناھايىتى سۆيۈندۈردى. خىتاي بىر پارتىيەلىك دېكتاتۇرلۇق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ھېلىھەم ئاشكارىلانماي يېپىق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. مەزكۇر ئەسەردە ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلەرنى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن يورىتىپ بېرىدۇ.
بۇ كىتاپ 21 _ ئەسىرگە قەدەم قويغان كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنى ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ كىتاپ مۇقەددىمە قىسمى بولۇپ جەمئىي 7 بابتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى بابتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخىي، ھازىرقى نوپۇس قۇرۇلمىسى، دىنى قورۇلمىسى، ئىدارە تۈزۈمى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىتاپنىڭ 2 – بابىدا، 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خىتاينىڭ باياناتىغا بەرگەن جاۋابى تېما قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا بىلدۈرگەن ئىنكاسلىرى، جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىتاپنىڭ 3 – بابىدا، 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 98/36 نۇمۇرلۇق شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ياپونىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا – ئارقىدىن ئىجرا قىلغان ئۆلۈم جازالىرى، سەۋەبسىز قولغا ئېلىشلىرى ۋە ھەقسىز جازالاشلىرى توغرىسىدا توختالغان ۋە يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ۋەقەدىن كېيىن ئىككى مىللەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭغانلىقى قەيت قىلىنغان.
4 _ بابتا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇپ شەكىللەنگەنلىكى ئاساس تېما قىلىنىغان بولۇپ، 60 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ بابتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان تىل سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان.
كىتاپنىڭ 5 – بابىدا، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تارىخىي قىسقىچە بايان قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ چەتئەلدە قاچان ۋە قانداق باشلانغانلىقى، تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
6 – بابتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرخانىم ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ شاھىتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بىز بۇ كىتاپ توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىتاپنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ نەشىرگە تەييارلىغان، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، بۇ كىتاپنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنى ھەر جەھەتتىن بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە بولۇپمۇ 5 _ ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنكىنى بىلدۈردى.
ئارسلان