خەۋەرلەر

ئىشغالچى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كوچا ئېغىزىغا قۇلۇپ سالدى

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كوچا ئېغىزىغا قۇلۇپ سالدى شەھەردە  ئېلېكترونلۇق كۆر ،  يېزا – قىشلاقتا تۆمۈر ئىشىك

 

13 – نويابىر ۋەتەندىكى مەلۇم  تور بېتىدە « سىزمۇ كوچا ئېغىزدىكى تۆمۈر ئىشك يوچۇقىدىن ئۆيىڭىزگە كېرەمسىز؟ » سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە،  ئۇيغۇر ئىلىنىڭ چەت رايونلىرىدا يەرلىك دائىرىلەر « ئورگانلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش » نامى ئاستىدا، ئۇيغۇر ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەلىلەرنىڭ كىرىپ – چىقىش ئېغىزىغا تۆمۈر ئىشك بىكەتكەن، ئىشكنى كېچە – كۈندۈز قۇلۇپلاپ قويۇپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۈرمۇشىنى نورمال شەكىلدە ئېلىپ بېرىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ مەھەلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ئىشقا نارازى بولغان كىشلەر كېچىسى چىقىپ قۇلۇپنى چېقىۋەتكەن. يەرلىك دائىرىلەر دەرھال كوچا ئېغىزى ۋە تۆمۈر ئىشكنى كۈزىتىدىغان ئېلېكترونلۇق كۆر ئورنۇتۇپ نازارەت قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، بۇ خەۋەرنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئاكىسى ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا تېلېفۇن قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشىنى قايتا – قايتا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بۇ يوللۇق تەلەپ رەت قىلىنغان. ئاخىرى كوچا ئېغىزىدىكى نۆۋەتچى خادىمغا يالۋۇرۇپ ئىشىكنى ئاچقۇزغان ۋە بۇ قانۇنسىزلىققا غەزەپلەنگەن مەزكۈر شەخس قۇلۇپنى تارتىۋېلىپ تىقىپ قويغان. ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەي ئىشىك ئالدىغا ساقچى ماشىنىلىرى پەيدا بولۇپ، قۇلۇپنى تىقىپ قويغۇچىنى « جەمىئىيەت تەرتىۋىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى » دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ كېتىپ بىر نەچچە كۈن قاماپ قويغان.

مەزكۇر خەۋەرنى يوللىغۇچى دەلىل ئىسپات سۈپتىدە نەخ مەيداندىن تارتىلغان  تۆت پارچە رەسىمنى  قوشۇپ ئەۋەتكەن بولۇپ، بىرىنجى رەسىمدە، مەكتەپتىن قايىتقان ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن تۆمۈر ئىشىك يوچۇقىدىن ئۆتىۋاتقان ھالى؛ ئىككىنچى رەسىمدە، سىرىتقا چىقىش ئۈچۈن تۆمۈر ئىشىك يوچۇقىدىن ئۆتۈشكە تېرىشىۋاتقان بىر ئايال؛ ئۈچىنجى رەسىمدە، كېچىدە قۇچاقتىكى بالا بىلەن سىرىتقا چىقىشقا تىرىشىۋاتقان ئەر – ئايال؛ تۆتىنچى رەسىمدە، تۆمۈر ئىشكى تۈرىكى بىلەن تام ئارىسىدىكى يوچۇقتىن قۇچاقتىكى بالىسى بىلەن ئۆتەۋاتقان بىر ئايالنىڭ رەسىمى تارتىلغان.

مەزكۈر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شايار ناھىيىسىدىمۇ كوچا ئېغىزلىرىغا تۆمۈر ئىشىكلەرنىڭ ئورنۇتىلغانلىقى، ھازىرچە ئوچۇق ئىكەنلىكى ئىنكاس سۈپتىدە يېزىلغان.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى، شەھەرلەردە كۆپلەپ ئېلېكترونلۇق كۆر ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەن بولسا، چەت يېزا – قىشلاقلاردا مەھەللە كوچا ئېغىزلىرىغا تۆمۈر ئىشكلەرنى ئورنۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئىلىنى 21 – ئەسىردە دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈستى ئوچۇق ئەڭ چوڭ تۈرمىگە ئايلاندۇرماقتا. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشتىن سىرت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا. 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button