خەۋەرلەر

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى تۇران يازغان بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى تۇران يازغان ئەپەندى ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي، ئاللاھتىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. 

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى تۇران يازغان ئەپەندى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇخبىرى ئارسلان تاشنىڭ 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10 – كۈنى  ئۇيغۇرلار توغرىسىىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت پروگراممىسى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ پائالىيەت ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلات. بىز بۇ فوندنىڭ رەئىسى پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى ئۇيغۇرلارغا قانداق قارايدۇ؟ 

جاۋاب: بىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئورنى بىر دەپ قارايمىز. ئۇلۇغ تۈركىستان شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى غەربىي تۈركىستان تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر دەپ ئاتايمىز تاكى شەرقىي تۈركىستان ئۇنۇتۇلمىسۇن دەپ شۇنداق ئاتايمىز. بۇ ئاتالغۇ جەھەتتە بەك مۇھىم. شەرقىي تۈركىستان غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە ھەقسىزلىققا  ئۇچرىغان بىر ۋەزىيەتتە. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان 30 مىليون قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن يېقىندىن بۇيان ئۆز تىلىدا تەلىم – تەربىيە ئېلىش چەكلەندى. شەرقىي تۈركىستان تۈركلەرنىڭ مەدەنىيىتى يارىتىلغان ئانا ۋەتەندۇر. بىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، پارتلاتقۇچ ئۇ يەردە ئىجاد قىلىندى. مەتبەئەچىلىك ئۇ يەردە ئىجاد قىلىنغان، قەغەز ئۇ يەردە ئىجاد قىلىندى. يىپەك ئۇ يەردە توقۇلدى ۋە تارىختا ئۇ يەردە ياشىغان تۈرك خەلقى، ياۋروپالىقلار كىيىم كىيىشنى بىلمەي رەختكە يۆگىنىپ ياشايدىغان دەۋرلەردە تۈركلەر مودا كىيىملەرنى تىكىپ كىيگەن. ئۇ زامانلاردا تۈركلەر ئىشتان – چاپان كىيەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ بىر پارچىسى، زېمىنىمىزنىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇيمىز.  ئەمما شەرقىي تۈركىستان تۈركىيىنىڭ كۆز ئالدىدا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا، كىشىلىك ھوقۇقنى شوئار قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئىشغال قىلىندى. 

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟ 

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسى يۈزدە 3% نى تەشكىل قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلماقتا ۋە ئىشغالىيەت داۋام قىلماقتا. بۇ ۋەتەن ئىشغالىيەتكە ئۇچىرىغاندىن سىرت يەنە ئۇ يەردىكى ئىنسانلار قورقۇنچلۇق دەرىجىدە زۇلۇمغا ئۇچىرىماقتا. جاپا چېكىۋاتىدۇ، نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئىشسىزلىق شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئارىسىدا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئومۇملاشتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرى بولسا پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. ئۇ يەردىكى بايلىقتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەڭ ئاز مىقداردا بولسىمۇ بېرىلمىدى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن دۇنيادا ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلماقتا. چۈنكى نە تۈركىيىنىڭ نە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلغۇچىلارنىڭ قولى ئۇ يەرگە يەتمىدى. خۇسۇسەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئالدىدا، ئەرزان باھادا مال ئىشلەپ چىقىرىشى بەزى دۆلەتلەرنىڭ بەزى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىش بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەر قانداق بىر ئىختىلاپ قىلىشتىن قورقۇپ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش يولىنى تاللىدى. كۆرىۋاتىمىزغا ئوخشاش خىتاي پەقەت تۈركىيىدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ ئىقتىسادىي كۈچنىڭ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزگە ھېچ قانداق پايدىسى بولمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەرنىڭ بۇلاڭ تاراڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، سۆمۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، ۋەتىنىنىڭ ئىشغال ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى جاپا ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، پۇرسەت تاپسىلا ئىشتىن بوشىتىپ ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن ھەر كۈنى يۈرىكىمىز قانغا تولدى. ئەمما قولىمىزدىن ھېچ بىر ئىش كەلمىدى، بۇنداق دېيىش بۇ مەسىلە مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ دېگەنلىك مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. 

 

ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم. سىزچە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىيىنچىلىقلار قانداق قىلغاندا ھەل بولىدۇ؟ 

ماڭا نىسبەتەن، كىشىلىك ھوقۇقنى داۋا قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىش كېرەك، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يەنى كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش كېرەك. بۇ ۋەتەننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندا موختارىيەتنىڭ ھەققىي ئىشقا ئېشىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ مەسىلە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قارار ئېلىش بىلەن ھەل بولىشى مۇمكىن. چوڭ كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ھەل بولىشى مۇمكىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ مەسىلىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ مەسىلىدە ب د ت نى ئويغىتىش كېرەك، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز باشتا كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك خىزمەت ئىشلەش كېرەك بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىر قانچە كىشىنىڭ بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتكۈل تەشكىلاتلارنىڭ ھەتتا پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ، خۇسۇسەن تۈركىي دۆلەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى شوئار قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان بىر ئىش. 

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلاشتى، بۇ مۇناسىۋەتنى ئۇيغۇرلار ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ، سىز بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق قارايسىز؟ 

جاۋاب: 

 ھېچ قاچان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگەرمەس سىياسەتلەرنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئۆزگىرىدۇ، سىياسەتلەر ئۆزگىرىدۇ، زاماننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن سىياسەتلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھەقىقەتەن دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى باشقا، خەلقلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرى باشقا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاي بىلەن بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇردى، ئەمما خەلق بۇنىڭدىن مەمنۇن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرى دۇنيادا ھەر قانداق ئىشنى ئۇنتۇشى مۇمكىن ئەمما شەرقىي تۈركىستاننى ھېچ قاچان ئونۇتمايدۇ، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ھەقىقىي ئانا ۋەتىنىمىز، ئۇ تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت بەرپا قىلىنغان رايونى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەرنى بىز تۈرك خەلقى ھەرگىزمۇ ئونۇتمايمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك. 

ئارسلان

 
Show More

Related Articles

Back to top button
Close
Close