خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد بولغان ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

خىتاي تۈرمىسىدە شەھىد بولغان ئۇيغۇر ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۈچۈن 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ جامئىلەردىن بىرى بولغان فاتىھ جامئىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
بۇ غايىبانە جىنازا نامىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان ئىجتىمائى جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلىكى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ھەر قايسى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى، ئى ھا ھا ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى ياردەم ۋەخپى، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندلىرى، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى، ئالپەرەن ئوجاقلىرى، نەجمىدىن ئەرباكان ۋەخپى، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكى جەمئىيىتى، شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.
غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركسىتان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ئالىم مۇھەممەد سالىھ بار ئىدى، ئۇ قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىپ قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. مەرھۇم 82 ياشقا كىرگىچە ھېچ قانداق بىر سىياسىي ھەرىكەت ئىچىدە بولمىدى، پەقەت ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالىغان بىر ئالىم ئىدى، خىتاي ئۇنى تۈرمىدە شېھىد قىلدى.
كېيىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى، خەلقئارالىق قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر نىجاتى جەيلان، سىيەر ئىسلام تارىخى ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد يىلدىرىم، ۋە مۇھەممەد سالىھنىڭ جىيەنى نەفىسە سالىھ سۆز قىلىپ، مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام ھەققىدە توختالدى.
نەفىسە سالىھ خانىم مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار ھازىر ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالدى، مەن بۇ يەردىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغانغا چاقرىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى قېرىنداش دەپ قارايمىز، بىز دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىمىز ئەمما تۈركىيىدىن ئۈمىد كۈتىمىز، چۈنكى سۈرىيەلىكلەرگە قۇچاق ئاچتى، بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە بىر شەھىد خەۋىرىنى ئاڭلىساق كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ، تۈركلەرمۇ بىزنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىدىن ئۈمىد كۈتىمىز.
نەفىسە سالىھ خانىم تاغىسى مۇھەممەد سالىھ داموللام توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تاغامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋىرىنى بىلدىم نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغانلىقىنى بىلمىدۇق، ئەمما تاغام مۇھەممەد سالىھ، پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئىدى. ھېچ قاچان قانۇنغا خىلاپ ئىش – ھەرىكەتلەردە بولمىدى، ھېچ قانداق گۇناھى يوقتى. ئەمدى ئۇنىڭ قىزى نەزىرە ۋە كۈيئوغلى ئادىل تۇنىياز شائىر ئىدى ئۇلارنى جازا لاگىرغا ئېلىپ كەتتى، ئاقىۋىېتىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمىز، ئۇلارنىڭ تۆت پەرزەنتى بار ئىدى ئۇ پەرزەنتلەردىن ئىككى نەپىرى جازا لاگىرغا ئېلىپ كېتىپتۇ، يەنە بىر ئىككىسىن خەۋەر يوق ئۇلارنىڭ ھالى نېمە بولدى بىلەلىمىدۇق، مەنمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى ئۇرۇق – تۇققانلار بىلەن تېلېفوندا ئالاقە قىلالمىدىم.
نەفىسە سالىھ خانىم سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي پارتىيلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردىن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا خىتاپ قىلىمەن، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باھچېلىگە شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى، مېنىڭ تۇققانلىرىمدىن نەزىرە مۇھەممەد ۋە ئادىل تۇنىياز قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇرۇق – تۇققانلىرىم شۇنداقلا مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىم، جازا لاگىرىغا قامالدى. ئۇلارنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقتى، قانۇنغا خىلاپ ھېچ قانداق ئىش قىلغان ئەمەس. خىتاي بۇنىڭغا جاۋاپ بەرسۇن، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى نېمە؟ بۇنىڭغا خىتاي جاۋاپ بەرسۇن. ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئۇيغۇر بولغانلىقىمۇ؟ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ مەسىلىگە قەدەم باسسۇن، ئۇ يەردە بىزنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقسۇن، خىتايدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە جىنايىتى بارلىقىنى سۇراپ كۆرۈڭلار. بىز سىزلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز. بىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار.
سىيەر ئىسلام تارىخى ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم، سۆزىدە مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز مۇھەممەد سالىھنى ئالىم، ئەللاما، داموللام دەپ ئاتايتتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن شەھىد مۇھەممەد سالىھ دەپ ئەسلەيمىز ۋە خىتاينىڭ شەھىد قىلغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز. خىتاي 2050 – يىلىغىچە شەرقىي تۈركسىتاندا بىرمۇ مۇسۇلمان قويماي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما ئۇلار ئۇنۇتقان بىر ئىش بار. بەلكى ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئىگە چاقىسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن، شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھېچ كىم سۆز قىلماسلىقى مۇمكىن، دۇنيا ئۇ يەردىكى ئىشلارنى كۆرمەسكە سالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئونۇتمايدىغان ۋە ئۇنۇتتۇرمايدىغان بىر ئاللاھىمىز بار. بىز ئۇنىڭ كۈچىگە ئىشىنىمىز.
دىنى ئالىم مۇھەممەد ئىمىن يىلدىرىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: قىممەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز، سىلەر بەلكىم ئائىلىلىرىڭلار بىلەن كۆرۈشەلمەيسىلەر، ئەمما بىزلەر ۋىجدان ۋە غۇرۇر بار ئەركەك بولسا بۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ مۇھىم ئىشى شەرقىي تۈركسىتان بولىشى كېرەك.
رەئىس مۇھىددىن ئاجىجى ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردىن پۈتۈن دۇنياغا، تۈركىيە خەلقىگە، پارتىيە ۋە تەشكىلاتلارغا شۇنى چاقرىق قىلىمەنكى، ھازىرقى دەۋرنىڭ مۇھاجىرلىرىغا ئىگە چىقىش نامىدا بىر سەپەرۋەرلىك خىزمىتى باشلايلى. زۇلۇمغا توسقۇنلۇق قىلالمىساق، ھېچ بولمىغاندا زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتايلى. ئۇ يەردە قېرىنداشلىرىمىز قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بۇ نالە پەريادلارنىڭ، بۇ ۋاقىراش نىدالارنىڭ، بۇ كۆز ياشلارنىڭ بىر مۇكاپاتى بولىدۇ.