ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ھەيۋەتلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

«-5فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21-يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق نامايىش ئىستانبۇلدىكى «شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ نەچچە مىڭ كىشى قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ نامايىشقا 8 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركسىتان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. نامايىشچىلار بىردەك «ئىشغالچى قىزىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!»، «ھەق-ھۇقۇق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىمىز»، «شەرقىي تۈركسىتانغا ھۆررىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركستان»، «تۈركىيە ئوخلىما، شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىق!» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا مۇخبىرلارغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى» گە ۋاكالەتەن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخىپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل بايانات ئېلان قىلدى.
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە «-5فېۋرال غولجا ۋەقەسى» دە يۈزلەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى ئەيبلىدى. ئۇ، ھازىر خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېپىق تەربىيلەش مەركىزى» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان بىر خىل ئۈستى ئوچۇق جازا لاگىرىغا ئايلاندۇرۇلدى. تۈرمىلەر سىرتىدا مىليونلارچە كىشى ئاتالمىش ”تەربىيلەش مەركىزى“ نامدىكى جازا لاگېرلىرلارغا سولانماقتا. بۇ جازا لاگېرلىرىدا دىنى ئالىملىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز، بىلىم ئىگىلىرىمىز، يازغۇچى-سەنئەتچىلىرىمىز، سودا-سانائەتچىلىرىمىز ۋە بايلىرىمىز تۇتۇلۇپ قامالدى. بۈيۈك دىنى ئالىملىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن تۈرمىلەردە شېھىد قىلىنىۋاتىدۇ، خىتاي بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە ئىمتىيازىنى قوللىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا تۆھمەت چاپلاش، قارىلاش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇلارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە ”تېرورچى“ قىلىپ كۆسىتىشكە ئورۇنماقتا.»
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتاي زۇلۇمى دەرھال توختىلىشى كېرەك. تايلاند ۋە مىسىردا تۇتۇلغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىمىزنى قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشتا تۈركىيە قاتارلىق تۈرك-ئىسلام دۇنياسى، دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارغا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئۇلارنى خىتايغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقرىق قىلىمىز.»
كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈلەنت ماشائوغلى، ئالپئەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى كۇرشاد مىجان، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ھەبىبۇللا كۈسەنى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.
نامايىش جەريانىدا تۈرك ساقچىلىرى خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا يولنى توسۇپ تۇساق قۇرغان بولۇپ، بەزى نامايىشچىلار توساقنى بۆسۈپ خىتاي كونسولخانىسىغا كىرىشكە ئورۇندى. ئەمما نامايىش تەشكىللىگۈچى مەسئۇللارنىڭ چاقرىق قىلىشى بىلەن پەسكۈيغا چۈشتى.
2 سائەت داۋام قىلغان نامايىشتا «شەرقىي تۈركستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نىڭ مەسئۇللىرى تۈرك ساقچىلىرىنىڭ روخسىتى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىنلىشىپ، دەرۋازا ئالدىغا قاراچەمبىرەك قويدى. قاراچەمبىرەك قويۇش تۈركىيىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيبلەش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئادىل ئىشان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ پائالىيەتكە 8000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ۋە تەسىسرى ئىنتايىن زور بولغان بىر مەيدان نامايىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئادىل ئىشان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان تۈنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايغا قارشى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.