خەۋەرلەرپائالىيەتلەر

ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» مۇراسىمىدا بىرلىك باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىندى.

5 – فېۋرال دۈشەنبە كۈنى كەچتە،  شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركسىتان شېھىتلەر كېچىسى» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى مۇراسىمىدا سۆز قىلغۇچىلار ئاساسلىقى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار  ئارىسىدا بىرلىك باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش تەشەببۇس قىلىندى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمغا ئىستانبۇلدىكى ئونلىغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن شېھىتلەرگە ئاتاپ تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا يەنە تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پېروفېسسۇر جالال ئەرباي، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈلەنت ماشائوغلى، پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىقلار بىرلىكى رەئىسى ئاقىل سەمەدبەيلى، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شەھيار قاتارلىق 10 غا يېقىن تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە 1933 – يىلىدىن باشلاپ تا غۇلجا ۋەقەسىگىچە ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان شېھىتلەرنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شېھىتلەرنىڭ ھۆرمىتى بىلەن بۈگۈن بۇ يەرگە نەچچە مىڭ كىشىنىڭ توپلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە بىرلىك توغرىسىدا توختىلىپ، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ بىرلىكنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار بىرلىك توغرىسىدا توختىلىپ، مەقسەتكە يېتىشتە بىرلىك بىزنىڭ بايلىقىمىز، دېدى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۈلەنت ماشائوغلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ قەيەردە بىر تۈرك بولسا ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمنىڭ تۈركىيەدىكى بىر قېرىندىشىمدىن ھېچ قانداق پەرق يوق دەپ قارايدىغان چۈشەنچىدىكىلەرگە ۋاكالەتەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كەلدىم. 1997 – يىلى 5 – فېۋرال بىزنىڭ يۈرىكىمىز ئېزىلگەن بىر كۈن ئىدى. ئەمما بۇ شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش ئۈچۈن توپلىشىش ئارقىلىق بىرلىشىشىمىزگە ۋاسىتە بولدى. مەن، قىزىل خىتايغا غەزەپ ياغسۇن دەيمەن.  تارىختا كۇرشاد 40 ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي سارايىنى بېسىپ كىرگەن كۈنگە ئوخشاش ئەلۋەتتە بىزمۇ بىر كۈنى كېرەك بولغاننى قىلىمىز. سۆزۈمنى ئاخىرىدا شۇنى دەيمەنكى: ۋەتەن نە تۈركىيەدۇر تۈركلەرگە نە تۈركىستان، ۋەتەن بۈيۈك دۆلەتتۇر تۇران».

يىغىندا سۆز قىلغان پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىقلار بىرلىكى رەئىسى ئاقىل سەمەدبەيلى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەرگە شېھىتلىرىمىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن يىغىلدۇق. ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئازادلىقى، مەۋجۇتلۇقى، بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى، ئىمانى ئۈچۈن پىدا قىلغان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ بىلەن ئەسلەيمىز. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!. ئاللاھ زالىملارغا غەزەپ قىلسۇن!، بىز تۈرك مىللىتىنىڭ بىرلىكىنى بوزمسۇن!، دۇنيادكى 350 مىليون تۈرك بىرلەشسە، دۇنيادا ھېچ قانداق بىر زالىم بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرالمايدۇ. ئەگەر بىز بىرلىشەلىسەك بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ، كېلىڭلار ھەممىمىز بىرلىشەيلى. بىرلىكتە ياشايلى، جانابىي ئاللاھ بىرلىكىمىزنى قوغدىسۇن، بۇ گۈزەل بىرلىكىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن تەشكىلاتلار بىرلىكتە بولسا، ئاۋازىڭلارنى يالغۇز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئەمەس بەلكى پۈتۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرگە ۋە ئۇ تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ رەئىسلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ پۈتۈن تەشكىلاتلار ئىمزا قويۇپ ئەۋەتىڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا دۇنيانىڭ بېسىم قىلىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق بۇرچىدۇر. ھەممىڭلارغا رەھمەت».

مۇراسىم جەرىيانىدا ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر، «دادام چۈشۈمدە»، «قىساس ئالىمىز»، «ئەمدى ۋاقىت كەلدى»، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تېمىلاردا نەسىر ئوقۇدى، شېئىر دىكىلماتسىيە قىلدى، تىياتىر ئورۇنلىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button