خەۋەرلەر

خىتاي دائىرلىرى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىشقا روخسەت قىلمىدى

خىتاي دائىرلىرى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىشقا روخسەت قىلمىدى


خىتاي دائىرلىرى، 22 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە ناھەق يېتىۋاتقان ئابدۇكەرىم ئابدۇۋېلىنى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىشقا روخسەت قىلماستىن، ئائىلە توققانلىرىغا ئانىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇپ، تىز سۈرئەتتە يەرلىكىدە قويۇشقا زورلىغان. 

بىر ئانا ئۆز خەلقىگە ياراملىق بىر ئەۋلاد يېتىشتۇرۇپ بەردى ئەمما ئۇنىڭ مېھرى مۇھەببىتىگە قانماستىن 22 يىل ھەسرەت چېكىپ ئالەمدىن ئۆتتى. 

22 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىمى كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئانىسى مەرەمنساخان 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى پەيشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى، مەرھۇم بۇ يىل 75 ياشقان كىرگەن بولۇپ، ئۆپكە تىربىكولۇز كېسەللىكى بىلەن ئۈرۈمچى دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

سۈرەت: ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ئانىسى مەرھۇم مەرەمنىسانخانىم ئانىنىڭ رەسىمى. 

جۈمە كۈنى كۈچادا مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلدى ۋە تىز سۈرئەتتە يەرلىكىگە قويۇلغان. جىنازا نامىزىغا نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. 

بىز مەرھۇمنىڭ شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئوغلى مەمەتئىمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مەمەتئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلىسىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئورۇق تۇققانلىرى بىلەن تېلېفۇندا تەپسىلى سۆزلىشەلمىگەن ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئاكىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنى ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىش ئۈچۈن خىتاي ساقچى ئىدارسىغا تەلەپ سۇنمىغانلىقىنى چۈنكى تەلەپ سۇنغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر رەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئادەتتە ئاكىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇرۇق – تۇققانلىرى كۇچا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنغاندا نەچچە 10 كۈندىن كېيىن ئاران سەلبى جاۋاپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىلتىماس سۇنغان تەقدىردە بەرىبىر ئانىسى بىلەن ۋىدالىشىشى ئۈچۈن روخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

مەمەتئىمىن ئەپەندى، ئانىسىنىڭ جىنازا نامىزىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئوقۇلۇپ يەرلىككىگە قويۇلۇشى توغرىسىدا خىتاي دائىرلىرىنىڭ بېسىم قىلغانلىقىدىن  گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.  

خىتاي دائىرلىرى ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنى 1992 _ يىلى دەسلەپكى قەدەمدە 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە ھېچ قانداق ئاساسىي يوق جىنايەتلەرنى ئارتىپ تۆھمەت بىلەن 3 يىلدىن 3 قېتىم تۈرمىدە يېتىش مۇددىتىنى ئۇزارتقان ئىدى. ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى ھازىرمۇ خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىدا ناچار مۇھىتتا سالامەتلىكى ناچار ئەھۋالدا ياتماقتا. ئىگەللىنىشىچە ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى تۈرمىدە پالىچ بولۇپ قالغان بولۇپ ئۆرە تۇرۇپ يۈرۈش ئىمكانى يوق ئىكەن. 

بىر ئۇيغۇر ئانا 22 يىلدىن بۇيان تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ مېھرىگە قانماستىن ھەسرەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بىر ئوغۇل ھەقىقەت يولىدا چىڭ تۇرۇپ، 22 يىلدىن بۇيان قاراڭغۇ زىنداندا ئانا مېھرىگە قانماستىن ھەسرەت چېكىپ ياتماقتا. بۇ پەقەت نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن بىر ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئائىلە مۇشۇنڭىغا  ئوخشاش ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە.  

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنى ئالىم ئابدۇكەرىم كۇچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

ئابدۇكەرىم كۇچار ئەپەندى، ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلىنىڭ ۋاپات بولغان ئانىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىشقا روخسەت قىلىنماسلىقى، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز بىر زالىم ئىكەنلىكىنى كۆرستىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ: 

 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close