ۋىجدان كارۋىنىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلماقتا

6-مارت سەيشەنبە ئەتتىگەندە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن سۈرىيە چىگىراسىغا قاراپ يولغا چىققان ۋىجدان كارۋىنىغا 200 ئەتراپىدا شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم قىزلىرىمز قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋىجدان كارۋىنىغا قوشۇلۇپ بىرگە يۈرۈپ كەتكەن ئىدى .
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەھبەرلىرى بۇ ۋىجدان كارۋىنىنى يېڭىكاپى مەيدانىدىن ياخشى تىلەك ۋە دۇئالار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.
7-مارت چارشەنبە كۈنى ۋىجدان كارۋىنىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەت ئەنقەرەدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇرلار ۋەكىلى مۇنەۋەر ئۆزئۇيغۇر ئەردۇغانغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بېسىلغان شارپا ھەدىيە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۈچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاڭلاتتى .
بۇ ۋىجدان كارۋىنى بۈگۈن ئاقساراي شەھرىگە كېلىپ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا گۇلگىنە مەخمۇت ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايال 16 ياشلىق ئوغلىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلدىم. ئۇيغۇر تۈركىم ، شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق زۇلۇم بولىۋاتىدۇ ، مېنىڭ 16 ياشلىق ئوغلۇمنى زالىم خىتاي تۈرمىگە قامىدى. جىنايىتى بولسا پەقەت تۈركىيەگە كېلىشنى خالايتتى . 2 يىلدىن بۇيان ئوغلۇمدىن خەۋەر ئالاممىدىن، ھاياتمۇ ياكى ئۆلدىمۇ بىلمەيمەن.
گۈلگىنە خانىمنىڭ بۇ باياتلىرى بۈگۈن تۈركىيە تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىندى.
ۋىجدان كارۋىنى 8 مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمى كۈنى تۈركىيە – سۈرىيە چىگىراسىغا يېتىپ بېرىپ ئەسەد تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتقان 6300 ئايالنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاياللار بۇ جەرىيانىدا قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى لەپىلدىتىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقتا .
شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بېسىلغان شارپىلارنى تارقىتىپ ۋىجدان كارۋىننىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا تارتىشقا تىرىشماقتا.
جانابىي ئاللاھ بىزلەرنى بىر كۈنى مۇشۇ كارۋانغا ئوخشاش ۋىجدانلار كارۋىنى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىن. مۇسا ئارسلان تاش