
5 – ئاپرىل بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28- يىللىقى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا بارىن ۋەقەسى ۋە شەھىدلەرنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . بۇ مۇراسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا 10 دىن ئارتۇق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ، ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ بارىن قۇراللىق ھەركىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ ھەرىكەتتىن ئالىدىغان تەجرىبە ساۋاقلار توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بارىن ئىنقىلابى ۋە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار!، بۈگۈن شەھىدلىرىمىزنى خاتىرلەش، ئۇلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى، قەھرىمانلىقلىرىنى، جاسارىتىنى ئىز باسار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىگە نەقىش قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان بۇ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك بۈگۈن بارىن ئىنقىلابىنىڭ، بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 28- يىللىق خاتىرە كۈنى. 1990 – يىلى 5 – ئاپرىل كۈنى رامىزان ئېيىدا، شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى تەييارلىق قىلىپ زۇلۇمنى يوقىتىش، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنى بىتچىت قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن سانى ئاز بولسىمۇ يۈرەكلىرى چوڭ تەڭرىتاغدەك يۈرەكلىرى بار 300 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىمەتلىرىمىزنى ياد ئېتىپ بۇ يەرگە يىغىلدۇق.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن سانى ئاز قۇرال كۈچى چەكلىك بولسىمۇ بىر گۇرۇپپا يۈرىكى تاغدەك چوڭ ئىرادىلىك قەھرىمانلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئازادلىق يولىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە يول ئاچغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار 5 – ئاپرىل كۈنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ نامىدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، ئىستانبۇل ۋالىيلىكىدىن رەسمى روخسەت ئالغان بولسىمۇ ئاخىرقى كۈنى كەچتە ئىستانبۇل ۋالىيىلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن رۇخسەتنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق يەتكۈزگەن بىراق 5 – ئاپرىلنىڭ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە سەپداشلىرى، نامايىش قىلىش رۇخسىتى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 500 كىشىلىك يىغىن زالى ھەل قىلغان ۋە شۇ كۈنى نامايىش قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى يىغىن زالىغا دەۋەت قىلىپ بارىن ۋەقەسىنى خاتىرلەپ مۇراسىم پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
نامايىشنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تۈركىيە ساقچى دائىرلىرى ھېچ قانداق چۈشەنچە بەرمىگەن بىراق ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشتا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى چۈنكى يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ئارقىلىق بۇ نامايىشنى توساشقا پەلقۇلئاددە كۈچىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقىنى، مەيۇسلەنمەيدىغانلىقىنى، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىرلىكتە پائالىيەت قىلىشقا چاقرىق قىلدى.
يىغىندا بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر مۇھىددىن جانئۇيغۇر سۆز قىلىپ بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىدىن ئۈمىدلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا بىرلىك بولۇشقا تەشەببۇس قىلدى.
ئارقىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆز قىلىپ شەھىدلەرنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بىرلىك توغرىسىدا توختلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ناھايىتى ئىنكىچە بىر قىلنىڭ ئۈستىدە كېتىۋاتىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىنكى مەزگىللەردە ھەر ۋاقىتتىن تېخىمۇ كۆپ بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە ئېھتىياجىمىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ دىققەتلىك بولۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاغا خىزمەت قىلىشتىن بەكرەك داۋاغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن غەيرەت قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سەزگۈرلۈكنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىمەن، بۇنىڭدىن كىيىنكى جەرىيانلاردا تەشكىلاتلىرىمىز ۋە مەسئۇللىرىمىزمۇ ئۆز – ئارا داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ تۇرۇشىنى ھەر زامانكىدىن تېخىمۇ ھوشىيار، تېخىمۇ دىققەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن».
كېيىن شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى سۆز قىلىپ بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا توختالدى.
سىراجىدىن ئەزىزى ئەپەندى تارىخنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ تارىخىنى بىلىش، ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بارىن ئىنقىلابى بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابلاردىن بىرى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 1933 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمۇ شۇنداق ئىنقىلاپ بىلەن باشلانغان. شۇنداقلا 1944 – يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ 1949 – يىلى ۋەتىنىمىز مۇستەملىكىگە ئۇچىرىغاندىن كېيىنمۇ چوڭ ئىنقىلاپ ۋەقەلەر داۋام قىلىپ كەلدى. مىسال ئالىدىغان بولساق 1954 – يىلى ئابلىمىت داموللام باشچىلىقىدا يۈز بەرگەن ئاتچۈي ۋەقەسىمۇ چوڭ ۋەقەدۇر. ئۇنىڭدىن كىينكى بارىن ۋەقەسى، غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 2014 – يىلى يۈز بەرگەن يەكەن ۋەقەلىرىنى ئەسلەيدىغان بولساق بىزنىڭ خەلقىمىز ھۆرلۈكى ئۈچۈن داۋاملىق ئىنقىلاپ يۈز بېرىپ تۇردى ۋە بەدەل تۈلەپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ ئۇنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بۇنداق ئىنقىلاپلار بىزدىلا ئەمەس باشقا مىللەتلەردىمۇ كۆپ يۈز بەرگەن، مىسال ئالىدىغان بولساق، 200 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئالجىرىيە ئازادلىق ھەرىكىتىدە 1 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ شەھىد بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شەھىد بولۇش ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە، شۇنىڭ ئۈچۈن بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەھىدلىرىنى ياخشى ئەسلىشىمىز ۋە شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىز بۇ مىللەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم.
يىغىندا يەنە ئۆسمۈر بالىلار سەھنىگە چىقىپ، ساددا دېھقان ئۇلۇغ قەھرىمان، گۈزەل يۇرتۇم تۈركىستان، بايرىقىم دېگەندەك ھەر خىل تېمىلاردا بىر قانچە پارچە شېئىر دېكىلىماتسىيە قىلدى.
يىغىندا يەنە ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيسىىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنىگىز سۆز قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركسىتان ياشلار جەمئىيتىنىڭ پەخرى رەئىسى تىبەت يۈجەتۈرك، ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبۇللا كۈسەنى، ئىمان دىيارى تەلىم –تەربىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەخمۇت داموللام، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، بارىن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
يىغىن ئاخرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئالىمى نىياز داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن شەھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى. دۇئادا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.