خەۋەرلەر

خىتايلار ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ قىينىدى

خىتايلار ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ قىينىدى

مەن ئۆتكەن قېىتمقى ماقالەمدە خىتايلارنىڭ ئىنسان ئەمەس ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى دەپ يازسام بەزى ئىنسانلار بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۇلارمۇ ئىنسان ھايۋان ئەمەس دەپ ئەقلى دەلىل كۆرسىتىشكە تىرىشتى. مەن بۇ قېتىم خىتايلارنىڭ يۇرىكى يوق، رەھىمسىز ۋەھشىيىلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىنسان ئەمەس ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم ئىشەندىم.

15 ‏- ئىيۇل كۈنى خەلقئارالىق سىنئالغۇ تور بېتى بولغان www.youtobe.com دا بىر سىنئالغۇ لېنتىسى تارقالدى. بۇ لېنتىدە بىر ئۇيغۇر بالا خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلگۈدەك ئۇرۇشلىرى، قولىغا دەسسەپ ئىزىشلىرى، بېشىغا تېپىشلىرى ئۇ كىچىك بالىنىڭ نالە – پەريادلىرىغا ھېچ كىمنىڭ پەرۋا قىلماسلىقى خىتايلارنىڭ ئىنسان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈش تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقىتىلىدى. تۈركىيىدە بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلدى. خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرەتلەر كۆپەيدى.

خەۋەرلەردە كىچىك ئۇيغۇر بالىنى خىتايلار ئۇرۇپ قىيىنىدى دېگەن تېمىلاردا تارقىتىلدى. تۈركىيىنىڭ، ۋەتەن، ساباھ، مىللىيەت قاتارلىق گېزىتلەردە بۇ سىنئالغۇ لېنتىسى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالدى ۋە مەزكۈر ئاخباراتلارنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ قىيناۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلدى.

خىتاينىڭ ۋەھشىلىكىنى كۆرۈڭ

دىققەت! بۇ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشنى يۈرەك كىسىلى بارلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ كۆرۈش چەكلەندى

 

 

مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە كىچىك بىر بالا بىر گۇرۇپ ئىنسانلار تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇلماقتا. تاياق يەپ نالە قىلىۋاتقان كىچىك بالا ئۇيغۇر ئۇرىۋاتقانلار ۋەھشىي خىتايلار دېيىلگەن.

بۇ ھەقتە مىللىيەت گېزىتىدە بۈگۈن «خىتايلار ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئۇرۇپ قىينىدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. بىز ئۇ ماقالىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ قېرىنداشلارنىڭ دىققىتگە سونۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: بۇ سىنئالغۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم چوقۇم، بۇلار قانداق ئىنسان! بۇنداق بىر ۋەھشىيلىك ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس! دەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە خىتايلار توپلانغان بولۇپ، خۇددى فىلىم كۆرۈۋاتقاندەك كىچىك بالىنى قىيناشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار، ماتىرىيالىزىم، كوممۇنىزىم ۋە دارۋىنىزىم زىھنىيەت بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن ئىنسانلار. ھايۋاندىن بەتتەر، ئىنساننى قىيناشتىن رەھىمسىزلەرچە كۆلۈپ تۇرۇپ ۋەھشىيلىك قىلىۋاتقانلىقىنى سىنئالغۇدىن كۆرۈڭ:

مەن بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىمىز ئابدۇللاھگۈلغا ۋە باش مىنىستىر  رەجەپ تاييىپ ئەردۇغانغا پۈتكۈل مىنىستىرلارغا مۇخالىپەت لىدەرلەرگە ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ھەر بىر پۇقراسىغا خىتاپ قىلىمەن. بۇنچىۋالا بىر ۋىجدانسىزلىق ئالدىدا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرماڭلار! بۇ ۋەھشىيلىك ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. بۇنى كۆرگەن ئىنسان ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياشاشنى داۋام قىلالماس. پەلەستىندىكى مۇسۇلمان خەلقنى قوغدىغان تۈركىيە، خىتايدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگىمۇ چوقۇم ئىگە چىقىشى كېرەك. تۈركىيە دەرھال  بۈيۈك تۈرك ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقمىغىچە پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھشىيلىكلەر داۋام قىلىدۇ. ھەر بىر تۈرك پۇقراسى قولىنى ۋىجدانىغا قويسۇن، ئۆزىنى ئۇ بىچارە، مىسكىن، ئىگەچاقىسىز قالغان، ئاچ ، سۇسىز، يېتىم قالغان، ئانا يۈرتىدىن سۈرگۈن قىلىنغان زۇلۇم ئاسىتىدا ھايات قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ باقسۇن! ۋە چوقۇم تۈرك – ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسۇن!.

بۈگۈن بۇ بىرلىك ئۈچۈن ھېچ تىرىشچانلىق قىلمىغانلار، بىچارە ئىگە چاقسىز قالغان بۇ ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋاتقان كىشىلەر چوقۇم بۇنىڭ ھىسابىنى بېرىدۇ. بۇ زالىم كوممۇنىستلار ئۇيغۇرلارغا نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خىل دەھشەتلىك زۇلۇم يۈرگۈزىۋاتىدۇ. قايتا تەكرارلايمەن. ئەگەر دۇنيادا مۇسۇلمانلار بىرلىك بولمىسا، تۈركىيە لىدەر بولۇپ تۈرك – ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلمىسا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى داۋاملىق ئىزىدۇ ۋە يوق قىلىدۇ. بۇ زۇلۇمنى كۆرۈپ سۈكۈت قىلغانلار چوقۇم زالىمغا ئوخشاش جىنايەتچى بولىدۇ. سەزگۈر، ۋىجدانلىق، داۋاملىق مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولغان دۆلىتىمىز دەرھال ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشى كېرەك. ھەر كۈنى باشقا بىر بالىنىڭ قىيىن قىستاققا ئۇچرىشى، باشقا بىر ئايالنى ئاياغ ئاستى قىلىشى ۋە بىگۇناھ بىر ئىنساننىڭ شەھىد قىلىنىشى دېمەكتۈر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زۇلۇمغا ئۇچىرىغۇچىلارنىڭ نالە پەريادى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىل، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىل» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمامسىلەر [75]. سۈرە نىسا 75 ئايەت.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button
Close
Close