خەۋەرلەر

تۈركىيىنىڭ كىنو چولپىنى پولات ئەلەمدار: «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشىدۇ»

تۈركىيىنىڭ كىنو چولپىنى پولات ئەلەمدار: «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشىدۇ»

تۈركىيىدە ۋە دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتنى تارتىۋاتقان تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» يەنى «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» تۈركىيىنىڭ ئات ۋ قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنلىرى ئاخشام سائەتلىرىدە يېڭى بۆلۈملىرىنى تارقتىپ كەلمەكتە. «بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق» فىلىمىنىڭ 2012 ‏- يىلى 22-نويابىر كۈنى قويۇلغان قىسمىدا باش قەھرىمان پولات ئەلەمدار، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ چوقۇم ئازاد بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. 

فىلىمنىڭ بۇ قىسمىدا، سۈرىيىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان سۈرىيە مۇخالىپ كۈچلىرىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سۈرىيىگە بارغان پولات ئەلەمدار «ئەركىنلىكنىڭ بەدەلسىز كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ يولدا قىيىنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ھەرقانداق شارائىتتا ئەركىنلىك مەشئىلى قەلبلەردە ئۆچمىسىلا، بىر كۈنى چېچىنىيە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكىگە ئېرىشىدىغانلىقى» نى ئىپادىلىدى. 

كۇرتلار ۋادىسى تۇزاق فىلىمى تۈركىيىنىڭ ھەر ھەپتىدىكى تاشقى ۋە ئىچىكى سىياسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقلارنى يۇرتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيە خەلقى ئىنتايىن قىزىقىپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 

فىلىمدە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش، ئەركىنلىك ئۈچۈن تەۋرەنمەي كۆرەش قىلىش، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىش، ئادالەت، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ۋە مەردلىكتە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت ۋە ئۇلۇغۋار غايە پولات ئەلەمدار رولىغا مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ، «كۇرتلار ۋادىسى ئىراق» ۋە «كۇرتلار ۋادىسى پەلەستىن» فىلىملىرى بۈگۈنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. 

«پانا» فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن «كۇرتلار ۋادىسى» ۋە ئۇنىڭ داۋامى بولغان «كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ» 10 يىلدىن بۇيان تۈركىيىدە كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان بىردىنبىر چاتما تېلېۋىزىيە فىلىمى. 

كۇرتلار ۋادىسى پەلەستىن ناملىق فىلىمدە باش رول ئوينىغان پولات ئالەمدار  (ئەسلى ئىسمى نەجاتى شاشماز) يېقىندا تۈركىيىنىڭ NTV   تېلېۋىزىيسىنىڭ پروگراممىسىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ كۇرتلار ۋادىسى پەلەستىن ناملىق فىلىم ھەققىدە رىياسەتچىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.

پولات ئالەمدار رىياسەتچىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، كۇرتلار ۋادىسى پەلەستىن ناملىق فىلىم ۋە بۇ فىلىمنى تەنقىد قىلغانلار ھەققىدە توختىلىپ: بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئېزىلگەن خەلقنىڭ دىنى ، مىللىتى نېمە بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشنى تاللايدىغان بىر خەلق.  زالىملار زۇلۇم قىلىشتىن ۋاز  كەچمىگىچە ئۇلارغا قارشى تۇرۇشنى داۋام قىلىمىز، دېدى.

جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ بۆل، پارچىلا، يۇت سىياسىتى بار،  ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش ۋە دۇنيانى بۇنىڭغا كۆز يۇمدۇرۇش سىياسەتلىرى مەۋجۇت، ئەجدادلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانغىچە بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا چوڭ بولىۋاتقان ئەۋلادلار بار، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇم ۋە بېسىمنى بېشىدىن كەچۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پولات ئالەمدار مۇخبىرنىڭ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق فىلىم ئىشلىنىدۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

پانا فىلىم شىركىتى ھەر زامان مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولۇشنى شۇئار قىلدى. نۆۋەتتە ئىشلىنىدىغان فىلىمدە بوسنىيە ياكى بولمىسا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى توغرىىسدا فىلىم ئىشلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close