ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نەپەر غوللۇق ئەزاسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىگە يازغان مەكتۇپىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومېتىنىڭ قوش رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو مەكتۇپىدا باش ئەلچى برانستاتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى تەكشۈرۈشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىلەردە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى ۋە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار مەكتۇپىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچراپ، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى قورقۇنچلۇق چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلدى. رەقەملىك تەقىب قىلىش سىستېمىسى، يۈز تونۇش ئاپپاراتى، يانفون تەكشۈرۈشى، DNA ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش، ساقچىلارنىڭ مۇداخىلىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە كېڭەيدى،» دەپ تەكىتلىگەن.

ئۇلار، ئىشەنچلىك ئاخبارات خەۋەرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدا 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغانلىقىنى، بۇ لاگېرلارنىڭ «بۈگۈنكى دۇنيادا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ئىككى نەپەر نوپۇزلۇق ئەزاسىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى تۇنجى قېتىم سانلىق مەلۇماتلار، كونكرېت تەدبىرلەر ۋە كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىشى ئىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، ئەمما زىيارەت تەلىپىمىزگە ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. ھالبۇكى، بۇ مەكتۇپ ۋە ئۇنىڭدىكى تەلەپلەر ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدا ئىنتايىن ياخشى تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سارا كۇك مۇنداق مۇنداق دەيدۇ: «بىرىنچىدىن، مەن بۇ مەكتۇپنى بەك ياخشى يېزىلغان، دەپ ئويلىدىم. ئىككىنچىدىن ئۇنىڭدا بەك ياخشى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەن باش ئەلچى برانستاتنىڭ ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە مەكتۇپتىكى دىققەت قوزغايدىغان يەنە بىر مەسىلە، ئۇنىڭدا قانداق دىپلوماتىك قەدەملەرنى ئېلىش توغرىلىق بەزى تەكلىپ پىكىرلەر بار. بۇ تەكلىپ-پىكىرلەر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ساراھ كۇك يەنە مۇنداق دېدى: «مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› گە ۋە باشقا مەسىلىلەرگە دائىر ئىككى نۇقتا بار. بىرى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، خالىغانچە سولاشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىگە دائىر نۇقتىدۇر. راست گەپنى قىلغاندا، بۇ ئىشلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولغان بولسا، ئاللىقاچان خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىگە ئايلانغان بولاتتى. بۇ دۇنيانىڭ قىسمەن دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئاخباراتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشنىڭ ئالدىنى ئالدى. )خىتاي( نۇرغۇن كىشىنى سولاپ، كىشىلىك ھوقۇققا قورقۇنچلۇق دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي كەلگەن ئىدى. يەنە بىر مەسىلە، بۇنىڭ ‹ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى› مۇخبىرلىرىغا چېتىلىشىدۇر. بىز دائىم ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈملۈك بېسىم ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. »

كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىت مەكتۇپىدا بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى دىپلوماتىك خىزمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابىنى ئۆزلىرىگە دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز سىزنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى دىپلوماتىك خىزمەتلەرگە ئۆزىڭىز يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىڭىزنى، بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەردە، قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىشىگە بېسىم ئىشلىتىشىڭىزنى چاقىرىمىز،» دېگەن.

ئامېرىكىدىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا ناھايىتى ھالقىلىق ۋە كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە جىددىي قاراتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئونىڭ خېتىدە ناھايىتى ھالقىلىق، كونكرېت مەسىلىلەر، مەسىلەن، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىدىن باشقا، شەخسىيىتىگە بولۇۋاتقان دەخلى-تەرۇز ۋە تاجاۋۇزلار توغرىسىدىمۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشلا ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان تەرەپلەر بار. بۇنىڭغا قاراپ ئېيتقان چاغدا، دۆلەت مەجلىسىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە بىر تەلەپ ياكى كونكرېت بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كەلدى، دەپ چۈشىنىمەن.»

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل يەنە مەكتۇپتا «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ تىلغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماگنېتىسكىي قانۇنىنى نەقىل كەلتۈرۈشى مېنىڭ ناھايىتى دىققىتىمنى قوزغىدى. سىياسەتچىلەر ئادەتتە خەلقنىڭ بېسىمى ياكى بولمىسا ئىش قىلمامسىلەر، دەپ تەلەپ قىلغانلارنىڭ تەلىپى بويىچە بەزىدە مۇشۇنداق خەتلەرنى يازىدۇ. لېكىن بۇ مەكتۇپتا تەپسىلىي ۋەزىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا ۋە بەزى پاكىتلىق ئاساسلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىگە جاۋابكارلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان قانخور خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئىشنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىدەك بىر مېخانىزمىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.»

ئاۋام پالات ئەزاسى سىمىت ۋە كېڭەش پالات ئەزاسى رۇبىئو مەكتۇپىدا، ئەگەر يۇقىرىقى مەسىلىلەردە دەرھال بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ياكى مەمۇرى خادىملىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇپ، ئۇلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى خورلاۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» غا ئاساسەن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يىغىشى تەلەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى

Exit mobile version