جەمئيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاۋۇستىرالىيەدە زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئاۋۇستىرالىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئاۋۇستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەر بىلەن ئۇچراشتى.
زىيارەت 4-ئاينىڭ 16 – كۈنى باشلانغان بولۇپ ھىدايەتۇللا ئۇغۇزخاننى ئاۋۇستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەھبەرلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ساۋاقدىشى ئابدۇسالام ئالىم قاتارلىقلار قىزغىن كۈتىۋالدى.
بۈگۈن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئاستىرالىيە شەرقىي تۈركسىتان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاۋۇستىرالىيە – ئادلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مەخسۇس يىغىلىپ ئۇچرىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكىلات بەردى. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزىان يىغىندا يەنە ئادلايد شەھرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاپ بەردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيتى رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت – پائالىيەتلەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.