خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا يېڭى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ،  21- ئاپرىل شەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل زېيتىنبورنۇ چىرپىجى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى  ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىغا ئىستانبۇلدىكى، زائىم ئۇنىۋېرىستىتى، تەجدىد ئۇنىۋېرىسىتىتى، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرىستىتىدىن ئۇيغۇر كوماندىلار قاتنىشىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كۇلۇبى، زەيتىنبۇرنۇ گۇرۇپىسى، سەفاكۆي گۇرۇپىسى قاتارلىق كوماندىلار مۇسابىقغا چۈشتى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يېقىندىن قوللاپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئابدۇۋارىس ئابدۇخالىق، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئسى مۇساجان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىدىن ئۆمەر قارىم قاتارلىق ئۇستاز ۋە يېتەكچىلەر مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئېچىلىش سۆز قىلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ مۇسابىقە، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ تۈنجى پائالىيىتى بولۇپ،  مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋاسكىتبول ساھەسىدە تۈنجى تەشكىلىنىپ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى ۋاستىكبول مۇسابىقىسى 21- 21- ئاپرىل ئىككى كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، 22- ئاپرىل چۈشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا ئىستانبۇلدىكى تەجدىد ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى 1- دەرىجە، ئۇيغۇر كۇلۇبى كوماندىسى 2- دەرىجە، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرىسىتىتى ئوقۇغۇچىلىرى كوماندىسى 3- بولۇپ مۇكاپات بېرىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button