ماقالىلار

سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قوراللىق ياردەم قىلغان

يېقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈرك تارىخى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، 1937-يىلدىن 1946-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

RFA/Arslan

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈرك تارىخى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى 1937-يىلدىن 1946-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. 2012-يىلى نويابىر، تۈركىيە.

ئۇ سۆزىدە، «سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ قوراللىق ياردەم قىلغان» دېگەن كۆز قارىشىنى شەرھلىدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىش بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قانچە كىتاب ۋە تەتقىقات ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان تارىخچى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، 1937-يىلىدىن 1946-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ، «تارىخ، تېلېۋىزىيىلەردە كۆرۈلۈۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە ئوخشاش. مەن بۈگۈن 1937-يىلىدىن 1946-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىمەن. تارىخ ھېچ پۈتمەيدۇ، مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا 1944-يىلى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى سوۋېت رۇسىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى ياخشى بىلىش كېرەك بولىدۇ. خىتاينى ياخشى بىلىش كېرەك بولىدۇ، 1925-يىلدىن كېيىن خىتايدا يۈز بەرگەن گومىنداڭ مىللەتچى خىتايلار بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ قىزىل كوممۇنىست ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلارنى ياخشى بىلىش كېرەك بولىدۇ. شېڭ شىسەينى ياخشى بىلىش كېرەك.» دېدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل سۆزىدە يەنە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، ئەمما بۇ جايدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن 10 يىللىق بىر جەرياندا زالىم شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى، ئەمما شېڭ شىسەي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئەمەس بەلكى رۇسلارنىڭ يالاقچىسى بولۇپ باشقۇردى. 1934-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا، قەشقەر، خوتەن، يەكەندە زۇلۇمغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەر يۈز بەردى. ئېسىم ۋە ئىرىساللار باشچىلىقىدا ۋە كېيىنكى ئوسمان باتۇرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 1940-يىلى ئالتايدا بىر قوراللىق ھەرىكەت ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلار زالىم خىتاينىڭ ناھەقچىلىكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەق ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىغا قورال ئالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا قوراللىق ھەرىكەتلەر توختاپ قالمىدى، 1937-يىلى يۈز بەرگەن قوراللىق ھەرىكەت بىر نەتىجە قازىنالمىدى، 1940-يىلىدىكى قوراللىق ھەرىكەتلەرمۇ نەتىجە قازىنالمىدى. ئەلۋەتتە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىر كۈن ياكى بىر ئايدا نەتىجە قولغا كېلىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما 1937‏-يىلدىن 1942-يىلى 6-ئايغىچە ھېچ قانداق بىر نەتىجە قولغا كەلمىدى. ئەمما يەنىلا ئازادلىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قوراللىق كۈرەشنى توختىتىپ قويمىدى.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ياخشى بىلىش كېرەك بولىدۇ. رۇسلارنىڭ كارپاتلاردا گېرمانلارغا قانداق شەكىلدە مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى قانداق تەسىرگە ئۇچراتقانلىقىنى ئاندىن ياخشى چۈشىنىش مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپلىمە قاراپلا خۇلاسە چىقىرىش توغرا بىر مۇلاھىزە ھېسابلانمايدۇ.

1942-يىلى گېرمانىيە رۇسلارغا قارشى غەلىبە قىلغاندا، زالىم دىكتاتور شېڭ شىسەي، ئۆزىنىڭ 7 يىلدىن بۇيان رۇسىيىگە تايانغان ھالدا بىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سايىسىدە خالىغان زۇلۇمنى قىلىپ، تۈرمىگە قاماپ، سۈرگۈن قىلىپ ئۆلتۈرۈپ خالىغان سىياسەتنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەمما رۇسلار ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىپ 1942-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە يېلىنىشقا باشلايدۇ ۋە 1942-يىلى 6-ئايدا جاڭ كەيشىنىڭ ئايالى سۇڭ مېيلىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىدۇ. شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ 1934-يىلدىن بۇيان خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، رۇسلارغا ئەركىن يول قويغانلىقىنى، رۇسلار بىلەن تىجارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، رۇسلارغا شەرقىي تۈركىستاننى ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ خاتاسى ئىكەنلىكىنى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ئىمزا قويغان. ئۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئىشغال ئاستىدا بولسىمۇ، ئەمما، شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن ئەمەلىي كۈچ سوۋېت رۇسىيىسى ئىدى. رۇسلارنىڭ بۇ يەردە پايدا-مەنپەئەتلىرى بار ئىدى. رۇسلار بۇ يەردىكى پايدا-مەنپەئەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ۋە شېڭ شىسەينىڭ رۇسلاردىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىگە قارشى ئىپادىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى قوللاشنى قارار قىلغان.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشتا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا ھەمدە شېڭ شىسەيدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قوراللىق ئىنقىلابنى قوللىغانلىقىنى، بىراق يەنىلا ئۆز مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئىنقىلابنى قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش بىر قۇرۇقلۇق زېمىندا بىر ھەرىكەتنىڭ غەلىبە قىلىشى پەقەت تاشقى بىر كۈچتىن ياردەم ئېلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ، بۇ ئۆتمۈشتىمۇ شۇنداق بولغان ئىدى. يەنى، 1942-يىلى شېڭ شىسەي رۇسلاردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن رۇسلار شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا باشلىدى ۋە 1941-يىلىدىن باشلاپ ئوسمان باتۇرنىڭ باشچىلىقىدا داۋام قىلغان قوراللىق كۈرەشنى قوللاپ موڭغۇلىستان ئارقىلىق ئەسكەر ھەم قورال-ياراق ياردەم قىلدى.

ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئوسمان باتۇرنىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش خىيالى يوق ئىدى، ئەمما شېڭ شىسەينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش مەقسىتى بىلەن قوراللىق كۈرەشنى باشلىغان، ئەمما كېيىنكى مەزگىلدە رۇسلار ئەۋەتكەن مەسلىھەتچىلەرنىڭ يولى كۆرسىتىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر نىشان ئوتتۇرىغا چىققان.

مەلۇمكى، بىر قىسىم قازاق ۋە تۈرك تارىخچىلىرى 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان مىللىي ئىنقىلابنى ئالدى بىلەن ئوسمان باتۇر باشچىلىقىدىكى قازاقلار باشلىغانلىقىنى دەلىللەشكە تىرىشىدۇ ھەمدە ئوسمان ئىسلامنى ناھايىتى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئەمما، ئوسمان ئىسلامنىڭ ھەرىكىتى پەقەت ئالتاي تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلى تەۋەسىدىكى نىلقا ھەم غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان ئىدى.

ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1943-يىلى ئوسمان باتۇر ئالتايدا «خان» دەپ ئېلان قىلىنغان. قوراللىق كۆرۈش ئالتايدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا قاراپ كېڭەيگەن. 1944-يىلى نىلقىدا پاتىخ ۋە غېنى باتۇرلارنىڭ ۋە كېيىن ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇبۇلخەير تۆرەلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى مەيدانغا چىقتى. دېمەك 1937-يىلدىن 1944-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈرەشلەر غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنكى قوراللىق كۈرەشلەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى، بۇنىڭدا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ياردىمى بار ئىدى، دېمەك بىر ھەرىكەت باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەستىن غەلىبە قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، يالتا شەرتنامىسىدە، تاشقى موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىق بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستان خىتايغا بېرىۋېتىلگەن. يەنى رۇسلار 1943-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىغان بولسىمۇ، قورال-ياراق بەرگەن بولسىمۇ باشتىنلا شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت بىر مەقسىتى يوق ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتى رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن كۆپلىگەن شەھەرلەرنى ئازاد قىلىپ ئۈرۈمچىنى ئېلىش ئۈچۈن ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندە موسكۋا مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىچە ساقلىتىپ قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىنى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇرلىغان ئىدى. رۇسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى يوق ئىدى دەل ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئەگەر بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

رۇسلار ئۇ يەردىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە قوراللىق ياردەم قىلغان.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close