پائالىيەتلەر

جەمئيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئايلىق سۆھبەت يىغىنىدا بىرلىشىش ۋە جامائەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىندى

جەمئيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئايلىق سۆھبەت يىغىنىدا بىرلىشىش ۋە جامائەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىندى

جەمئىيەت مەركىزىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2012 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ كۈچۈكچەكمەجە شۆبە باشلىقى ئەنۋەر قارىم  قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى. يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. 

يىغىندا جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ بىرلىشىش ۋە جامائەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۈتكۈل ساھەدە بىرلىشىش كېرەكلىكىنى، غايە – مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى جامائەتلىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى، مۇسۇلمانلارنى جامائەتلىشىشكە ۋە بۆلۈنمەسلىككە چاقىرىق قىلغان  ئال ئىمران سۈرىسى 103 ‏- ئايەتنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە  بىرلىك – باراۋەرلىك ۋە جامائەتنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى، گوروھ – گورۇھلارغا ئايرىلىپ كەتمەسلىكى، نەپسى – خاھىشلارغا ئەگىشىپ جامائەت بىرلىكىنىڭ بوزۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللاردىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالدى. 

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە  ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ جازانىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىكەنلىكىنى، ئۈمىد بىلەن ياشىغاندا ئىنسان چوقۇم ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتىدىغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشىغان ھاياتنىڭ ھېچ قانداق ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلدى ۋە 

مۇسۇلمانلارنىڭ جامائەتنى ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ھەرقانداق چىرايلىق ۋىۋىسكا ئېسىۋېلىش بىلەن بۆلۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ ئىسلام دىنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يىغىندا يەنە ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن دەپ يىغىن – پائالىيەتلەرگە قاتناشماي چەتكە چىقىۋالغان ئىنسانلارنىڭ، جان بېقىش ئۈچۈن، دۈشمەنگە قارشى تۇرمايمەن دېگەنلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

يىغىن 2 سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن كەچلىك تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر ئايدا بىر قېتىم يىغىلىپ سۆھبەت ۋە ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 

 
بۇ ھەقتىكى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشنى 1 – قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: 
 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close