پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چاقرىقى

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چاقرىقى

بۇنىڭدىن 64 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ خىتابنامىدىكى كشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دائىر ماددىلارغا خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىمزا قويدى. ھەر يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، خۇسۇسەن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئىنسانپەرۋەر پائالىيەتچىلەر كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يىغىن مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ، نامايىش قىلىپ كەلمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسان بولۇپ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا بېرىلگەن ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئاساسىي مەنبەسى. ئىنسانلارنىڭ ئۆز قەدىر _ قىممىتى بىلەن ياشاش تەبىئىي ھەق ۋە ھوقۇقىدۇر، ھېچ كىمنىڭ ئىنسانلارنى ئېزىپ، دەپسەندە قىلىش ھەققى يوق.

  بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە داۋاملىق قارشى تۇرىمىز، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا تىرىشىمىز. 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتوم بومبا سىناق قىلماقتا، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا ئىكىلوگېيسى زەھەرلىنىپ، نۇرغۇن ئىنسانلار ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولدى ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتتى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش مەقسىتىدە توغۇت چەكلەش ئۈچۈن پىلانلىق توغۇت سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. دىنى ئەركىنلىككە قارشى تۇرۇپ، دىنى ۋە مىللىي باستۇرۇشلار ئېلىپ بارماقتا، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى خىتايلاشتۇرماقتا. كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئانا تىلى چىقىشتىن بۇرۇن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە زورلىماقتا. ياشلارنى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى، ئاياللارنى مەسچىدتە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىمەكتە. توي قىلىش يېشىغا توشقان قىز – ئوغۇللارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. قۇللۇق تۈزۈم بىلەن ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ زۇلۇم قىلماقتا. قىزلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىپ خارلىماقتا. ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى، ئەكسىيەتچى دېگەندەك بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن خىتايغا قارشى كۆرەش قىلغان ياشلارنى، تېررورچى دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگىلەرگە نەزەربەنت قىلماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈپ ئىچكىرگە توشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇپ، پۇل – ماللىرىنى تالان – تاراج قىلماقتا. ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. 5 -ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خىتاي زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ تۈرمىلەردە قىيىن قىستاق ۋە ئىسكەنجە بىلەن قىيناپ سوراق قىلماقتا ۋە سوت ئاچماستىن خالىغانچە ئۆلتۈرمەكتە.

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ   ئۇيغۇر   مۇسۇلمانلارغا  قارشى بېسىم سىياسەتلىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ۋە  دۇنيا بۇ ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماقتا. خىتاي  شەرقىي تۈركىستاندا باشتا ياشاش ھەق ‏- ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئورگان تىجارىتى، نامايىش ۋە توپلىنىش ھوقۇقلىرىغا دائىر دەپسەندىچىلىكلەر، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار چەكلىمىلەر، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر قىز _ ئوغۇللارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى  ئېغىر دەرىجدە دەپسەندە قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دۇنيا جامائىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى،  كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ناتو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق پۈتكۈل خەلقئارا تەشكىلاتلارنى،   شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم قىلىشىنى، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغان، مىللىي قىرغنچىلىق. قەتلىئام، تۇغۇت چەكلەش، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەشكە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى نوپۇسىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ياكى يوق قىلىش سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرك – ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىشىنى، خىتايغا ئوچۇق ھالدا دىنى ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىق توغرىسدا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلىدۇ.

 ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close